ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سۈپەت ئۆسۈپ، ئېھتىياج ئاشتى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:40

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىكى بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %55.7 بولغان. ئاھالىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت ئېھتىياجى ئېشىپ، تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىشىغا بىرلىكتە تىرەك بولغان.

  جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرىدىكى بىر سانائەت رايونىدا يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كارخانا مۇخبىرغا ئۆزلىرى تىجارەت قىلىۋاتقان مەدەنىيەت ساياھەت ئەقلىي رەقەملىك سۇپىسىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ سۇپا ساياھەت ئىستېمالىدىكى يېڭى ساھە، يېڭى كۆرۈنۈشلەرنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ داۋاملىق جانلانغانلىقىنى نامايەن قىلدى. كارخانا باش دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ گاۋبىن مۇنداق دېدى: ھازىر سۇپا مەدەنىيەت ساياھەت بۆلىكىدە رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنتلار بەش مىليونغا يېتىپ، جياڭشى، خۇنەن قاتارلىق بەش ئۆلكىدىكى 20 ۋىلايەت، شەھەردە تارقىتىلغان ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى مۇلازىمىتىنى سانلىق مەلۇمات مەدىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى ۋەكىللىكىدىكى مۇلازىمەتچىلىكتە بۇلتۇرقى ھالەت داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئۇللۇق رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، مۇلازىمەتچىلىك %5 ئاشتى، ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك جۈملىدىن ياتاق، يېمەك ئىچمەك، قاتناش، ساياھەت داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى. بۇلتۇرقى يۇقىرى تۈپ ساننىڭ ئېشىشى ئاساسىدا، بۇ يىل مۇلازىمەتچىلىك داۋاملىق مۇقىم ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %55.7 بولدى. ئۇچرىشىش، توپلىشىش تىپىدىكى مۇلازىمەتچىلىك كۆرۈنەرلىك ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى يارقىن نۇقتىلار تەدرىجىي بارلىققا كەلدى. «تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى» بۇ يىل تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى، ئارقىدىن ئالاقىدار سىياسەتلەر كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ نۇرغۇن يېڭى مەنزىرىسى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەنخۇينىڭ خېفېيدا ھازىر داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن توشۇيدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئالتىسى ئېچىلدى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئالدىن بەلگىلەنگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق، قان پونكىتىدىن دوختۇرخانىغىچە بولغان مۇساپىنى 14 مىنۇتتىلا بېسىپ بولىدۇ. خېفېي شەھەرلىك مەركىزىي قان پونكىتى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېسۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق قان توشۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قاننى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق، بەزى يەر يۈزى قاتناش ئەھۋالى مۇرەككەپ ياكى قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايىدا، توشۇش ۋاقتىغا دەل كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشى كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش، سېتىش، مۇلازىمەت ھالقىلىرىدا ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، تور ئىچى-سىرتى ماسلاشقان تەرەققىيات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. گۇيجۇدىكى بىر كابېل شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بۇ يىللىق زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %300 ئاشتى، توشۇش مىقدارىمۇ 2.5 ھەسسە ئاشتى، كارخانانىڭ باش دىرېكتورى شېن جىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نۇقتىدىن نۇقتىغا شوپۇر ئىزدىگەندە، ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ۋاقىتچانلىقى ئىنتايىن ناچار بولاتتى، ھازىر سۇپا ئارقىلىق ئېھتىياجنى ئېلان قىلساق، ئىككى مىنۇتتىلا ئۈچتىن بەشكىچە ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت ئۈنۈمى %10 تىن ئارتۇق تەننەرخنى ئازايتتى.

  نۆۋەتتە مۇلازىمەتچىلىك سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى يۇڭجيەن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىكى يەنىلا بىر قەدەر چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولدى، كەلگۈسىدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى، تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سۈپەت ئۆسۈپ، ئېھتىياج ئاشتى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.