ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «تۇنجى تۈگمە»نى ياخشى ئېتىشكە تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:23

  ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. «ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش»-«سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتى ماسكاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بېيجىڭ، خېبېي ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتتە بولۇش، ۋاشىنگتون ئىشتاتى لىنكولىن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ستراكون ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 20 نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ بېيجىڭ، خۇبېينىڭ شىيەن، گۇاڭدۇڭنىڭ گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىشقىچە، ئاندىن ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان پەيتتە جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىشىغىچە... ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشى، ئالاقىسى كۆپەيدى، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى، ئىلگىرى خەلققە تايىنىپ يېزىلغان، كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇھىمى خەلققە تايىنىپ يارىتىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ئامېرىكىدىكى دوستانە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى خەلق بەرپا قىلغان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دەرۋازىسىنى خەلق ئاچقان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى خەلق يازغان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى خەلق ياراتىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگونىڭ بەش يىلدا ئامېرىكىلىق 50 مىڭ ياش-ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش تۈرىگە تەكلىپ قىلغان «دوستلۇق ئەلچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئىئوۋا ئىشتاتى ۋە ۋاشىنگتون ئىشتاتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەت قىلىشى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن قەلب رىشتىسى كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. ماسكاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىكى خۇشاللىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. لىنكولىن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ستراكون ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگوغا بولغان تونۇشى ۋە كۆز قارىشى تېخىمۇ بېيىدى ۋە ئەتراپلىق بولدى، ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، ساۋاقداشلىرى ۋە تاراتقۇلار بىلەن جۇڭگودىكى كەچۈرمىشلىرى، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. «دوستلۇق! جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلات مۇتلەق دوستلۇق»، «يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە دوستلۇق». ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشى ھەم نۆۋەتتىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاقىلانە، ئاكتىپ ئاۋاز توپلىدى، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ توغرا تونۇش تۇرغۇزۇشىغا ئاساس سالدى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بېيجىڭغا بېرىپ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى، سىتارباكس شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خوۋارد شۇلتز جۇڭگوغا كېلىپ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك شاڭخەيدە ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئالما پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلىشىغا گۇۋاھ بولدى ...... ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئارقا-ئارقىدىن كېلىشى «جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىرى» دېگەن سۆزنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى. «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ئىككى دۆلەت تىنچ بىللە تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ»، «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو چوقۇم ھەمكارلىشىشى، چوقۇم توغرا بىللە تۇرۇش يولىنى تېپىشى كېرەك، بۇ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم»، «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرگىزمۇ توغرا يول ئەمەس، بىز داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك»...... ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ سۆزى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئاتالمىش «تۇسىدىدې قىلتىقى» مۇقەررەر ئەمەس، «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش»، «خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش» نامى بىلەن خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى باشتىن كەچۈرگەن بوران-چاپقۇنلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىستراتېگىيەلىك تونۇش مەسىلىسى باشتىن- ئاخىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە جەزمەن ياخشى ئېتىشكە تېگىشلىك «تۇنجى تۈگمە». جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىشىشى، ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇشنى ئورتاق تۇرغۇزۇش كېرەك. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر شۇنداق قارايدۇكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت باردى-كەلدى قىلمىسا، ئالاقە قىلمىسا بولمايدۇ، توقۇنۇشسا، قارشىلاشسا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، تىنچ بىللە تۇرۇشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشى كېرەك. ئامېرىكا تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان جۇڭگونى ئەڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى، ئەڭ چوڭ رايون سىياسىي خىرىس دەپ قاراپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا قەستەن زەربە بېرىپ، جۇڭگونى ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى، بەلكى جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ توغرا بىللە تۇرۇش يولى ئۈستىدە تەڭ ئىزدىنىپ، ئىختىلاپلارنى تەڭ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللاپ ۋە قولايلىق يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۆتمۈشكە قايتالمايدۇ، لېكىن تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش، مۇقىملىقنى مۇھىم بىلىش، ئىشەنچنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن تىزگىنلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق خەلقئارا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت  يارىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلىشى كېرەك.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئادىمىيەت ئالاقىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى «تۇنجى تۈگمە»نى ياخشى ئېتىشكە تۈرتكە بولدى

ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.