ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كورېيەلىكلەرنىڭ جۇڭگودا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-20 09:17

  كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كورېيە خەلقىنىڭ چەتئەل ساياھىتى داۋاملىق كۆپىيىپ، جۇڭگو ئۇلارنىڭ ساياھەت مەنزىلىگە ئايلانغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، كورېيەلىكلەرنىڭ جۇڭگودا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى نورمال ھالەتكە قايتقان، بۇ جۇڭگو-كورېيە خەلقلىرى ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلغان.

  يۇقۇمدىن كېيىن، كورېيە خەلقىنىڭ چەتئەل ساياھىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. كورېيە دۆلەت زېمىن قاتناش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 280 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57 ئېشىپ، 2019-يىلى 1-ئايدىكى يۇقۇم يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەنىڭ %91گىچە ئەسلىگە كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يولۇچىلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. كورېيە قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا جۇڭگوغا كەلگەن كورېيە ئاممىسى 142 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %908.7 ئاشقان، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %9.3 ئاشقان.

  جۇڭگوغا ساياھەتكە بېرىش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كورېيەدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەخسۇس جۇڭگو ساياھىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى، ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى جۇڭگوغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بۈيۈك كورېيە ئاۋىياتسىيەسى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىنچوندىن جاڭجياجيې ۋە جېڭجۇغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ، چېجۇ ئاۋىياتسىيەسىمۇ بۇ يىل يازدا ئىنچوندىن شىجياجۇاڭغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  كورېيە ئىنچون خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ چېگرادىن چىقىش زالىدىكى جۇڭگوغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پوكىيىنىڭ ئالدى دائىم ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگوغا ساياھەتكە بارىدىغان كورېيەلىك ساياھەتچىلەر. جاڭجياجيې كورېيەلىك ساياھەتچىلەر كۆپ بارىدىغان مەنزىللەرنىڭ بىرى بولۇپ، 60 ياشتىن ئاشقان نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو ئەتراپ ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-كورېيە  ئارىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىپ-كېلىشى نورماللىشىۋاتىدۇ. بۇ يىل 2-ئايدا جۇڭگو بىلەن كورېيە ئارىسىدا بېرىپ-كەلگەن ساياھەتچى بىر مىليوندىن ئېشىپ، يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيە تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.

  كورېيەلىك ساياھەتچى پىياۋ بىڭخې مۇنداق دېدى: «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن كېيىن، مېنىڭ بەكلا چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلغۇم كەلگەن. مەن بۇ قېتىم تارىختا مۇناسىۋىتىمىز ياخشى، ئارىلىقىمىز يېقىن بولغان جۇڭگونى تاللىدىم.» جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن كورېيەلىك ساياھەتچىلەر جۇڭگونى ساياھەت قىلىشقا ئامراق.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئەلئارا ئالاقىسى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىۋېتىپتۇ. ۋاڭ جۈنشېڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمدىن بۇرۇن، جۇڭگو-كورېيە ھۆكۈمەتلىرى كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەلئارا ئالاقىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر بولسا ئەل ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش بىردىنلا قىزىپ كەتتى.

  ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى خەلقنىڭ يېقىنلىقىغا باغلىق. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، تارىخىي مەدەنىيەت مەنبەسى چوڭقۇر، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. خەلق ئارىسىدىكى بېرىش-كېلىشنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. كورېيە خەلقىنىڭ جۇڭگودا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  يېقىندا جاڭجياجيې نۇرغۇن كورېيەلىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. جاڭجياجيې بۇلتۇردىن بۇيان ئىجادىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كورېيەلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئۇلار چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مۇكاپات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرادىن چىقىپ ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇردى ۋە ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيادىكى ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ ساياھەت لىنىيەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگومۇ دۇنيا مىقياسىدا «دوستلار چەمبىرىكى»نى پائال كېڭەيتتى. ھازىرغىچە، جۇڭگو 150 تىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئوخشاش بولمىغان پاسپورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىكلەر جۇڭگوغا ساياھەتكە، ئوقۇشقا كەلدى، جۇڭگودا تۇرمۇش كەچۈردى ۋە خىزمەت قىلدى.

  ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويدى ھەمدە چىقىم مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، بۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

  يېقىندا، جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭ تەكلىپكە بىنائەن كورېيەنىڭ چۇڭچوڭنامدو ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۆلكە باشلىقى كىم تەيچىن بىلەن كۆرۈشتى، 7-نۆۋەتلىك چۇڭچوڭنامدو-جۇڭگو يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا، شىڭ خەيمىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىكلىرى ۋە ئەلئارا ئالاقىسى ئىزچىل ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ مەنپەئەتى گىرەلىشىپ كەتكەن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبى تۇتاش، ھەرقانداق ئادەم ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ.» كىم تەيچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسىگە نەچچە مىڭ يىل بولدى،  ئىككى دۆلەت ئايرىلماس قوشنىلار ۋە ھەمراھلار.

  ۋاڭ جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى، كەڭ بازىرى، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ۋە قىزغىن، مېھماندوست ئاممىسى بار، جۇڭگو سودا قىلىش، ئوقۇش، ساياھەت قىلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىل.

  تەرجىمان: مېھرىگۈل خۇدابەردى

  سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كورېيەلىكلەرنىڭ جۇڭگودا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى ئاشتى

كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كورېيە خەلقىنىڭ چەتئەل ساياھىتى داۋاملىق كۆپىيىپ، جۇڭگو ئۇلارنىڭ ساياھەت مەنزىلىگە ئايلانغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، كورېيەلىكلەرنىڭ جۇڭگودا ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى يۇقۇمدىن بۇرۇنقى نورمال ھالەتكە قايتقان، بۇ جۇڭگو-كورېيە خەلقلىرى ئارىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلغان.