ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئاچتى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:白合提尔·艾拉提|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-10 10:55

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىسلاھات سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈمنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان مەركەز بېكىتكەن تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك مۇھىم نۇقتىسى-ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇلنى مەزمۇت قىلىش؛ ئوتتۇرا مەزگىللىك مۇھىم نۇقتىسى-ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلنى تېخىمۇ چىڭىتىش بولدى؛ ھازىر كۈچەش نۇقتىسىنى سىستېمىنى توپلاشتۇرۇش، ماسلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە قارىتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈزۈلمىلىك توساقلار، مېخانىزملىق توسالغۇلارنى ھەل قىلىش، سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈمنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ تۇراقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، «ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى قوللاش ھەققىدىكى پىكىر»، «سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئەمگەكچىلەر ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىش تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشىغا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى»، «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى قوللاش ھەققىدىكى پىكىر»، «يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ھەرىكىتى ئومۇمىي لايىھەسى»، «دۆلەت ئىلىكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىغا مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە»، «سولياۋدىن بۇلغىنىشتىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش-ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. تېخنىكا ئىنقىلابى، كەسىپ ئىنقىلابى، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، كەسىپ ئالاقىسى، زەنجىرنى ئۇزارتىش، تېخنىكا سىڭدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئۆز ئارا يۇغۇرۇلۇپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈپ ئىقتىساد تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، تۈزۈملەشكەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، تۈرلۈك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىشى، بازار رىقابىتىگە ئاشكارا، ئادىل قاتنىشىشى، قانۇننىڭ قوغدىشىغا باراۋەر ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشى، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پەن-تېخنىكا، تۈزۈم، ئەندىزە ۋە كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سودا قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىمپورت بىلەن ئېكسپورت، مال سودىسى بىلەن مۇلازىمەت سودىسى، سودا بىلەن قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش، سودا بىلەن كەسىپنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ۋە ئىچكى ئامىلنىڭ تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىشى، بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئورۇنلاشتۇرۇش، بازارنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمگەكچىلەر بىلەن ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرتىپلىك ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش-ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئەمگەكچىلەر، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزم نۇقسانلىرىنى تۈگىتىپ، يۆتكىلىش پۇرسىتى يارىتىپ، يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆتكىلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە ئادەمنى جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرگە بۆلۈپ تەرتىپكە سېلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپ قورۇسىغا كىرگۈزۈش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قاتتىق ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇتۇش، كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئاخىرقى چەك قىلىپ، سان ۋە سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سورتقا ئايرىپ كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىنات ئومۇمىي مىقدارىنى كۆپەيتىپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تەمىنات مەنبەيىنى كېڭەيتىپ، تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى زاپىسى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا-ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۇل-مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەسى- پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم ساغلام يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى. مۇھىم پۇل-مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەسىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجازەتنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىھە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تۈزەش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تۈزىتىش ئۈنۈملۈك بولغان، ئىلغار، ئىشەنچلىك، ئېلاستىكلىققا ئىگە پۇل-مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قۇرۇش، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش، يۇقىرى ھەمبەھرلىك تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇل تەتقىقات، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى، مەخسۇس جابدۇق ۋە قوللىنىشچان ئۈلگە كۆرسىتىش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىخچام، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈر بويىچە سىياسەت قوللىنىش پىرىنسىپى بويىچە، تېجەشچان ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە، يېشىل سەپەرگە چىقىش، يېشىل سودا سارىيى، يېشىل ئىمارەت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېشىل تۇرمۇشقا ئالاقىدار سىياسەتلەر ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېشىل ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەت ئىلىكىدىكى پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن مەبلەغ چىقارغۇچى تۈزۈمى ئورنىتىشنى كۈچەيتىپ، كاپىتالنى باشقۇرۇش ئاساس قىلىش، بازارلاشتۇرۇش، ئېھتىياتچان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ چىقارغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى كاپىتالىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى، زامانىۋى پۇل-مۇئامىلە كارخانىلىرى تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىلىكىدىكى پۇل-مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سولياۋ بىلەن بۇلغىنىشقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىنى پۇختا تىكلەپ، قىسمەن سولياۋ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش،سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى تەرتىپلىك مەنئى قىلىپ ۋە چەكلەپ، ئايلاندۇرغىلى، ئاسان يىغىۋالغىلى، ئاسان پارچىلىغىلى، ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، يېشىل مەھسۇلات تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، سولياۋ كېرەكسىز ماددىلىرىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سولياۋ بىلەن بۇلغىنىشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، تۈزۈلمە خاراكتېرىلىك چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلارنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش زور تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مېخانىزم خاراكتېرىلىك توسالغۇلارنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن توسالغۇ ۋە قېيىن نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتى كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى ئاشۇردۇق. ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان سىياسەت خاراكتېرىلىك يېڭىلىق يارىتىشنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئادەمنى غەم قىلدۇرىدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئەستايىدىل رەتكە سېلىپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە قاتلاملار بويىچە تۇتاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك يانداشتۇرۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئۆز-ئارا تولۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، "خىمىيەلىك رېئاكسىيە " ھاسىل قىلىپ، تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىنى تۈزەش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有