ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گەنجۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگىسىگە ئايلانماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:01

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈرگەن ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى تىرىشىپ تېزلىتىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە ئالدىدا مېڭىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جياڭشىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىقىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى بولغان جياڭشىنىڭ گەنجۇ شەھىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل خىزمەت تەكشۈرگەن ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان يۈدۇ ناھىيەسى زىشەن مول سېلىنلىق كۆكتات كەسپىي باغچىسىدا، تېخنىك ياڭ لۇڭمىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارغا مول سېلىنلىق كۆكتات تېرىشنى قولمۇ-قول ئۆگىتىۋاتاتتى. يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كۆكتات تېرىش كارخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈڭلار» دەپ تاپىلىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پائال پىلانلاپ، مول سېلىنلىق كۆكتات داڭلىق ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى، ئەتراپتىكى 2800 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى كۆكتات تېرىش ئارقىلىق، ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەن ئاشۇردى.

تېخنىك ياڭ لۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىز مېۋە سورتى تاللاش، ئۆستۈرۈشتىن بازارغىچە بولغان پۈتۈن جەريانغا يېتىشىپ مېڭىشىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سورتنىڭ ياخشى بولۇشىغا كۈچەپ، بۇ داڭلىق ماركىنى يېتىشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن باش شۇجىنىڭ بىزگە بەرگەن تاپشۇرۇقىنى كۆكتاتلىقتا نەتىجىگە ئېرىشتۈردۇق.

زىشەن مول سېلىنلىق كۆكتات كەسپىي باغچىسىغا يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان گەنجۇ پورتىغا توختىماي كىرىپ چىقىۋاتقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى بۇ قىزىل تۇپراقنىڭ جۇشقۇنلۇققا تولغان تەرەققىيات قىزغىن دولقۇنىنى كىشىگە تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. 2016-يىلى قۇرۇلغان گەنجۇ پورتى-پۈتۈن مەملىكەتتىكى كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى بىردىنبىر سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى. گەنجۇ پورتىدىن قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئارقىلىق، گەنجۇنىڭ ئۆي جاھازلىرى يۈز نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا، گەنجۇ پورتىدىن 186 جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

نەنكاڭ رايونىدىكى ئۆي جاھازلىرى كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى سەي چىكاڭ مۇنداق دېدى: يۇرتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈندىن كۈنگە يېڭىلىققا تولماقتا دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ، ئىلگىرى ئاساسەن چەتئەللىك سودىگەرلەر يوق ئىدى، گەنجۇ پورتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن سودىگەرلەر بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋالدى.

ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى-گەنجۇنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىر كۆزنىكىنى ئېچىپ، گەنجۇنى كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى ئالاھىدە رايونغا، سېلىنما تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەل جايغا ئايلاندۇردى. زور بىر تۈركۈم كەسىپ باشلامچى كارخانىلىرى گەنجۇغا يىغىلىپ، ئۆي جاھازلىرى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، كىيىم-كېچەك، سىرەك يەر ۋولفىرامىنى چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش يۈزلىنىشى كۈنسايىن گەۋدىلەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەن ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، سىرەك يەر بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئېنىق تەلەپ قويدى. نۆۋەتتە، گەنجۇ «جۇڭگو سىرەك ئالتۇن جىلغىسى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىئون تىپىدىكى سىرەك يەر بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە ئېچىپ پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرى سەۋىيەدە قوللىنىشنى يېتەكچى قىلغان «ھۆكۈمەت، كەسىپ، ئۆگىنىش، تەتقىقات يۇغۇرۇلغان» سىرەك يەر يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرمەكتە.

جياڭشى جىنلى مەڭگۈلۈك ماگېنت پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى ليۇ لۇجۈن مۇنداق دېدى: بىز ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، مۇستەقىل تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ شۇنداقلا يەنە يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى شەرت. جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇشنى قوللاش ئۈچۈن، جەنۇبىي جياڭشى نۇرغۇن ۋولفىرام قۇمى ۋە سىرەك يەرنى تەقدىم قىلغان، شۇڭا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئوڭشاش ۋەزىپىسى ئېغىر. گەنجۇ «ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسىقى» بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى نىشانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئوڭشاشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، 91.27 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تاشلاندۇق سىرەك يەر كېنى، سۇ، تۇپراق ئېقىپ كەتكەن 710 مىڭ مو يەرنى تۈزىدى. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېشىل ئېكولوگىيە «دۇنيا ۋولفىرام يۇرتى»نىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ۋە بايلىقىغا ئايلاندى.

گەنجۇ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې باۋجيۇ مۇنداق دېدى: بىز يېشىل ئېكولوگىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردە دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن بىرنى، دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيە يېزا-بازىرىدىن 11 نى، دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيە كەنتىدىن بىرنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك سەۋىيەسى بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولىدىغان، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان يولدا ماڭدۇق.

قىزىل تۇپراقنىڭ ھۆسنى گۈلدەك ئېچىلىپ، پارلاق قۇياش نۇرىغا چۆمدى. بۈگۈنكى گەنجۇنىڭ ھەممە يېرىنى گۈللىنىش، تەرەققىياتنىڭ قىزغىن دولقۇنى قاپلىدى. نۆۋەتتە، گەنجۇ شەھىرىدىكى يەتتە ناھىيە، شەھەر، رايون نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، پۈتۈن شەھەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، مالىيە ئومۇمىي كىرىمى، شەھەر-بازار ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمى قاتارلىق نۇرغۇن كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش كۆلىمى جياڭشى ئۆلكىسى بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. گەنجۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «سىياسەت يۈكسەكلىكى»، «كەسىپنى گۈللەندۈرۈش قىزغىن تۇپرىقى»غا ئايلىنىپ، گۈللىنىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى بىر-بىرلەپ رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گەنجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى بىڭجۈن مۇنداق دېدى: بىز ئىستراتېگىيەلىك كۈچنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有