ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 11:24

شى جىنپىڭ 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ جۇڭگونىڭ جاسارىتى، ھەربىيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش سەۋىيەسى ۋە مۇسابىقە نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە بۇ قېتىمقى خەلقئارا ھەربىي تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئوبرازى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش تەشەببۇسى جاكارلاندى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەشكىلىي كومىتېت ۋە ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىپ، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرى قىزغىن قاتنىشىپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەربىي تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاقىدار تەرەپلەر خۇلاسىلەش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، زېھىنى ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،109دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ 9300 دىن ئارتۇق تەنتەربىيە ئەزىمىتى مۇسابىقىگە قاتناشتى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 27 چوڭ تۈر، 329 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي تەنھەرىكەتچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يامىشىپ، يەتتە تۈردە دۇنيا رېكورتىنى، 85 تۈردە خەلقئارا ھەربىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 133 ئالتۇن مېدال، 64 كۈمۈش مېدال، 42 مىس مېدال ئېلىپ، ئالتۇن مېدال ۋە مېدال سانىدا 1-ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەتىجىسى جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有