ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شاڭخەي چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ تەرەققىياتىدا باشلامچى بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 14:46

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي شەھىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، بىز چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايمىز ھەم ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرىمىز دەپ جاكارلىدى. ئېلىمىزدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ جانلىق، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بۇ رايون شۇندىن تارتىپ ئۆزگىچە، ئالاھىدە دۆلەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئالدى.

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇيدىن ئىبارەت مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر شەھەر ھەم ئۈچ ئۆلكە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولى كۈنسايىن گەۋدىلىك بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بىز چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايمىز ھەم ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرىمىز، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلانمىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش-باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈچ ئۆلكە، بىر شەھەر ۋە ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىلەن يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى، شاڭخەينىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولى كۈنسايىن گەۋدىلىك بولدى.

شاڭخەي شەھەر رايونىدا تۇرىدىغان چېن ھەدە يولدىشى بىلەن جياڭسۇنىڭ لىلى قەدىمىي بازىرىغا ساياھەتكە بېرىشقا تەييارلاندى، ئۇ مۇخبىرغا، بىزنىڭ بۇ يەردىن لىلىغا بېرىش بەك قولاي، دۇڭفاڭ لۈجۇغا بارىدىغان 17-لىنىيەنىڭ پويىزى دەل بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈپ لىلىغا بارىدۇ دېدى.

بۇ يىل 11-ئاينىڭ بېشىدا، چاڭجياڭ دىلتا ئېكولوگىيەسىنى يېشىللاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسى رەسمىي ئىشقا سېلىندى، بەش يولدا قاتنايدىغان كوچا ئاپتوبۇسى ئايرىم-ئايرىم چىڭپۇ، ۋۇجياڭ، جياشەندىن ئىبارەت ئۈچ جاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا قاتناشنى ئىشقا ئاشۇردى، چىڭپۇ رايونلۇق قاتناش كومىتېتى تىرانسپورتنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى شېن دېرۇڭ بۇرۇنقى پەقەت ئۆلكىلەر ئارا يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا تايىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، كوچا ئاپتوبۇس لىنىيەلىرىنى ئېچىش-رايون ئىچىدە سەپەرگە چىقىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى دېدى. دۇڭفاڭ لۈجۇ بىلەن بىر كۆل ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان چىڭپۇ رايونى جىنزې بازىرى سەيبىن كەنتىنىڭ ئاھالىسى شۈ ھەدە كەچلىك تاماقتىن كېيىن دائىم ديەنشەن كۆلىنىڭ بويىنى سەيلە قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن كۆل سۈيى بەك مەينەت ئىدى، كۆلنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي لەش، لاتقىلار بىلەن تولغان ئىدى، ھازىر ناھايىتى پاكىز، بىز كەچتە كۆل بويىدا سەيلە قىلساق ناھايىتى راھەت ھېس قىلىمىز.
پاكىز كۆل سۈيى، رەتلىك پىيادىلەر يولىنى بارلىققا كەلتۈرۈش-يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىمدىكى تۆت ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، رايون توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مېخانىزم نۇقسانلىرىنى ھەل قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، تۆت جاي جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيدىكى ئۆلكە پاسىللىرىغا جايلاشقان 68 دەريا، كۆلنى پاكىز تۇتۇش دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. چىڭپۇ رايونى دەريا چۈشۈرگىسىنى باشقۇرۇش ئورنى دەريا يولىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خو جىنشيەن مۇنداق دېدى: بىز قايسى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ پاكىزلىقىنى چىڭپۇ رايونى، قايسىلىرىنى كۈنشەن، ۋۇجياڭ، جياشەننىڭ ساقلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق، تۆت جاي ئۆلكە پاسىللىرىدىكى دەريا، كۆللەرگە قارىتا، لاي-لاتقىلارنى بىرلىشىپ سۈزۈش، ھەمكارلىشىپ كاپالەتلىك قىلىش، نەق مەيداندا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش مېخانىزملارنى ئىشقا ئاشۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018-يىلى 11-ئايدا، شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، شاڭخەي شەھىرى چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

بۇ يىل 5-ئايدا، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇيدىن ئىبارەت مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر شەھەر ۋە ئۈچ ئۆلكىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر توردا تەڭ بېجىرىش رەسمىي يولغا قويۇلدى، نۆۋەتتە، چاڭجياڭ دېلتىسىدا بىر گەۋدىلەشكەن ئاپتوماتىك تېرمىنال يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى چىڭپۇ، ۋۇجياڭ، جياشەندە سىناق قىلىنىپ، «ئىسپاتنى بېسىش تۈرى»، «ئاپتوماتىك ئىلتىماس قىلىش تۈرى»، «گۇۋاھنامىنى بېسىش تۈرى» قاتارلىق ئىشلار ئاپتوماتىك تېرمىنال ئارقىلىق باشقا جايلاردىمۇ بېجىرىلىدىغان بولدى.

چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا راسچوت قىلىشى قولايلاشتى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ كۈتۈنۈشى بىر گەۋدىلەشتى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت بازىسى ئىشقا سېلىندى. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىر شەھەر، ئۈچ ئۆلكە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى يېتەرلىك ھەم ئومۇميۈزلۈك بولدى. چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى يېشىللاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى «ئومۇمىي لايىھەسى»نىڭ چىقىرىلىشى-چاڭجياڭ دېلتىسىنى جەزمەن تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتقا قاراپ يېتەكلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شاڭخەي چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ تەرەققىياتىدا باشلامچى بولماقتا

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي شەھىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى