ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-29 12:33

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق سارىيىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز ھازىر كەسكىن بىر مەيدان كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.  خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى باشتىن ئاخىر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدىم. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇم-ئۇ بىر ئالۋاستى، بىز ئالۋاستىنى يوشۇرۇپ قويساق بولمايدۇ.  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا سەھىيە ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ، جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋۇخەنگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئوبيېكتىپ، ئادىل، سوغۇققانلىق بىلەن توغرا باھا بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويىمىز، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز ھەم ئىقتىدارىمىز بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، توغرا تەدبىر قوللانساقلا، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. 

تېدروس ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇستەھكەم سىياسىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ۋاقتىدا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلەرنى قايىل قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاجايىپ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى. جۇڭگو ئۇچۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پاتوگىننى ئايرىپ چىقىپ يېڭى رېكورت ياراتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىدار ۋىرۇس گېن تەرتىپىدىن ۋاقتىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو قوللانغان تەدبىر جۇڭگو خەلقىنىلا ئەمەس، دۇنيا خەلقىنىمۇ قوغدايدۇ، بىز بۇنىڭغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز.  جۇڭگونىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنىڭ تېز، كۆلىمىنىڭ زور بولۇشى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، بۇ جۇڭگو سۈرئىتى، جۇڭگو كۆلىمى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى نامايەن قىلدى، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمىز.  بۇ جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، ئالاقىدار تەجرىبىلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىدۇ ھەم ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشنى خالايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىلىم-پەن ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىيادە ئىنكاس ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلەرگە قارشى تۇردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھىيە ئىشلىرىدا ئوينىغان مۇھىم رولى ۋە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

     

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز ھازىر كەسكىن بىر مەيدان كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى باشتىن ئاخىر بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت