ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-21 17:43

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى-ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ چېكىنىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك.

جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ چىگىرىدىن كىرىش خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24 كىچە، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 228 گە يەتكەن. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 12 گىچە، بېيجىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 76 بىمارنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلغان. بېيجىڭدا ئۇدا 13 كۈن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۆپەيمىگەن. چېگرا سىرتىدا يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە يامرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىگىرىدىن كىرىش خەۋپ-خەتىرى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن بېي مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىن بېيجىڭغا كىرگەنلەر چېگرادىن كىرىشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىلەرگە ئۆزىنىڭ توغرا ئۇچۇرى، سالامەتلىك ئەھۋالى، سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك. 14 كۈن ئىچىدە دىياگنوز قويۇش تارىخى بولغانلار بولسا، دىياگنوز قويۇش ئەھۋالىنى ئالدىن دوكلات قىلىشى كېرەك، ئەينەن دوكلات قىلمىغانلار، كېسەللىك تارىخى ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئۇچرىشىش تارىخىنى يوشۇرغانلار بولسا، ئالاقىدار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

بېيجىڭ شەھىرى يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ، چېگرا سىرتىدىن بېيجىڭغا كەلگەن بارلىق كىشىلەرنى مەركەزلىك كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ 14 كۈن تېببىي جەھەتتىن كۆزەتتى، ئۇلار خىراجىتىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالدى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى شۈ يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى چېگرا سىرتىدىن بېيجىڭغا كەلگەنلەرنى مەركەزلىك كۆزىتىش نۇقتىسىدىن 149نى قۇردى.

بېيجىڭ خەيديەن رايونىدىكى بىر مەركەزلىك كۆزىتىش نۇقتىسىدا، ئەمدىلا ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن چېن خانىم مەركەزلىك كۆزىتىلمەكتە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزلىك كۆزىتىشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى چۈشىنىش كېرەك.

شاڭخەيدە، نۆۋەتتە، بارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كىشىلەر شاڭخەيگە كىرىشتىن بۇرۇنقى 14 كۈن ئىچىدە، 24 نۇقتىلىق دۆلەتتە ساياھەت قىلىش ياكى ئولتۇراقلىشىش تارىخى بولسا، بەلگىلىمە بويىچە ئۆيىدە ياكى مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىپ سالامەتلىكى 14 كۈن قاتتىق كۆزىتىلدى. شاڭخەي شەھىرى نۇقتىلىق بولمىغان دۆلەتلەردىن شاڭخەيگە كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

شاڭخەي 3-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، ئەسلىدىكى 16 نۇقتىلىق دۆلەت ئاساسىدا، ئاۋسترالىيە، مالايسىيە، گرېتسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق دۆلەت قىلىپ كۆپەيتتى. شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمى 2-ئايرو بىناسىدا شاڭخەينىڭ ھەرقايسى رايونلىرى ۋە جياڭسۇ، جېجياڭ ئۆلكىلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، چېگرا سىرتىدىن كىرگەن يولۇچىلار بۇ يەردە تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ.

گۇاڭجۇ بەييۈن ئايرودۇرۇمى ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بويىچە چېگرا سىرتىدىن كىرىش خىزمىتى كۆرسەتمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گاۋ يۈيۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە گۇاڭجۇ شەھىرى تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلارغا باشلامچى بولۇپ، «9 + 1» بەييۈن ئايرودۇرۇمى قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، 24 سائەت، پۈتۈن جەريانغا قوماندانلىق قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش كاپالىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى جۇخەي تاشيول چېگرا ئېغىزى گۇاڭدۇڭدىكى بىردىنبىر 24 سائەت شياڭگاڭغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى، شۇنداقلا شياڭگاڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە كىرىشتىكى ئەڭ قولاي يول. شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى شىڭ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: 3-ئايدىن بۇيان، چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈلدى، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق زەنجىرلىك، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.

تيەنجىن ئايرودۇرۇمى «سىرتتىن كىرىش، ئىچكى قىسىمدا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنىڭ مۇساپىسىنى، يۆتكىلىشىنى ئىزلاشقا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرودۇرۇمدا قىزىپ قالغان يولۇچىلار ۋە نورمال يولۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش توشۇش كاپالەت لايىھەسىنى تەييارلىدى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ چېگرا سىرتىدىن گەنسۇغا كەلگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئالتە يېڭى بىمارنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلدى، لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جۇڭلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىزمەت مەخسۇس گۇرۇپپىسىنى ئالاقىدار چېگرا ئېغىزلىرى ۋە بېكەت-مەيدانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەنلەر، قايتىپ كەلگەنلەرنى بىر تۇتاش كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «يەرگە چۈشكەندە تىزگىندىن چىقىپ كەتمەسلىك، يولدا باشقۇرۇشتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»نى قاتتىق ئىشقا ئاشۇردۇق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى-ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ، ئەمەلىي،