ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-14 17:05

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپالىق تېرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن كورېيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن كورېيە بىلەن باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، بىر-بىرىنى قوللاپ ئۆز ئارا ياردەم بەردى. جۇڭگو بىلەن كورېيە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئالدى بىلەن ئورنىتىپ، يۇقۇمنىڭ بىر-بىرىگە تارقىلىپ كىرمەسلىك رېكورتىنى ياراتتى. ئىككى تەرەپ يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۇھىم، جىددىي زۆرۈر بولغان خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىش تېز يولىنى ئالدى بىلەن ئېچىپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئەشيا ئوبوروت زەنجىرىنىڭ راۋان ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى مول ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىپ، «ياخشى قوشنا ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز» دېگەن قائىدىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبە توپلاپ، ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. جۇڭگو كورېيە بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، دورا، ۋاكسىنا تەتقىقاتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە-يىمىرىلمەس دوست، يېقىن قوشنىلار. ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش جەھەتتىكى ئورتاق مەنپەئەتى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش جەھەتتىكى بوشلۇقى بارغانسېرى زورايماقتا. مەن جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە يېتەكلەشنى خالايمەن.

مۇن جېئىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشمەن! كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەپەككۇرى ۋە تەدبىرى ئوخشاش كېتىدۇ، ئىككى دۆلەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا مول ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، بولۇپمۇ تېز يولنى ئالدى بىلەن ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى يەتكۈزدى شۇنداقلا دۇنياغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. كورېيە جۇڭگو بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆز ئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئويناشنى خالايدۇ. كورېيە جۇڭگو بىلەن داۋاملىق قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كورېيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن تېلېفونلاشتى