ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-15 15:02

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ياخشى تۇتۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تەھلىل قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمەن ياخشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىش ۋەزىيىتى جىددىي ۋە مۇرەككەپ، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە ئېغىر. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق، چىڭ، ھەقىقىي، ئىنچىكە تۇتۇش، ئاسان قولغا كەلمىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ھەرگىزمۇ قولدىن بېرىپ قويماسلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خېيلوڭجياڭ، جىلىن قاتارلىق يېقىنقى مەزگىلدە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پەيدا بولغان رايونلار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق كۈچەيتىشى كېرەك. خۇبېي ۋە ۋۇخەن شەھىرى مەھەللىلەردە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋۇخەن ئالاقە گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىق كۈچەيتىپ، پەرۋىش ۋە يوقلاشنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. جايلار يېقىندا يۈز بەرگەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم پەيدا بولغان رايونلاردىن ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، بىرى ئارقىلىق كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى يوچۇقلارنى يەنە تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىسىنى يەنە مۇستەھكەملەپ، ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش تەلىپىنى يەنە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ قايتىلانماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كۈچلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ياز پەسلىنىڭ ھاۋا رايى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى زور كۆلەملىك بازار ئۈستۈنلۈكىنى ۋە ئىچكى تەلەپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ قوش دەۋرىيلىك، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات قېلىپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ ئاساسىنى قايتا بەرپا قىلىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋىي كەسىپلەر ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى، كەلگۈسىدىكى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقا، ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق مەھسۇلاتلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، كوزۇر كارخانىلار، زور مەبلەغ سېلىش تۈرىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، توسۇقلارنى ئېچىپ، ئۈزۈكلەرنى ئۇلاپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى تۆۋەن ئېقىن، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماس قەدەمدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك سودا سارايلىرى، بازار ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ نورمال سەۋىيەگە قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ، بازارنىڭ يۈرۈشۈشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.