ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەقەملىك قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-18 18:57

 

 

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 5G تورى، مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھاياتلىق ساغلاملىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كۈچەپ زورايتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 5G، سۈنئىي ئاقىل، بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى ۋە ئەقلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرى گۇاڭدۇڭغا توپلىشىپ ماكانلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى-گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ماتورىغا ئايلانماقتا.

گۇاڭجۇ شەھىرى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتە تۇنجى تۈركۈمدىكى رەقەملىك يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زور تۈرلىرىنى ئىمزالاش ھەم يوپۇق ئېچىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 300 دىن ئارتۇق رەقەملىك يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيە كارخانىسى توردا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 73 تۈرنىڭ مەركەزلىك ئىمزالىنىشى، يوپۇقىنىڭ ئېچىلىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى، بۇ تۈرلەر-5G سۈنئىي ئاقىل، سانائەت ئىنتېرنېتى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق تۈرتكىلىك رولى زور، كۆپەيتىش ئۈنۈمى كۈچلۈك بولغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاپلىغان بولۇپ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 180 مىليارد يۈەنچە كېلىدۇ. گۇاڭجۇ شەھىرى بۇ 73 تۈرنى پۇرسەت بىلىپ، رەقەملىك يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى چىقىرىپ، رەقەملىك يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى يەنە بىر يادرولۇق شەھەر شېنجېنمۇ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمىنى تېزلەتمەكتە. مەملىكەت بويىچە تۇنجى چوڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش ماشىنىسىغا توك قاچىلاش پونكىتى بولغان شېنجېن گۇاڭمىڭ چاڭلۇ توك قاچىلاش پونكىتىدا 5-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇنىڭ بىلەن توپا توشۇش ماشىنىسىنىڭ چاڭ-توزان بېسىپ كېتىدىغان ئەنئەنىۋى ھالىتى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىدۇ . جەنۇب ئېلېكتىر تورى گۈللەنمە كەسىپ ۋە كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇجيې مۇنداق دېدى: 600 ساپ توكلۇق توپا توشۇش ماشىنىسى بىر يىلدا 24 مىليون لىتىر يېقىلغۇنى تېجەپ قالالايدۇ. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇراقلىق توك ئىشلىتىلىدىغان ئىككى باشلىق يەرگە قويۇلىدىغان 84 توك قاچىلاش قوزۇقى قۇرۇلۇپ، ساپ توكلۇق توپا توشۇش ماشىنىلىرىغا توك قاچىلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ساپ توكلۇق ئۆزى تۆكىدىغان ماشىنا، ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسى، يۈك ساندۇقى سۆرەش ماشىنىسى، ئەشيا ئوبوروت ماشىنىسى قاتارلىق ئېغىر يۈك ماشىنىلىرىغىمۇ توك قاچىلايدۇ.

توك قاچىلاش قوزۇقلىرى ۋە ئاقىل توك قاچىلاش پونكىتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشنىڭ پايدىسىدىن، نۆۋەتتە شېنجېن شەھىرى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىل ئېنېرگىيەلىك كوچا ئاپتوبۇس سىستېمىسىنى قۇرۇدى، پۈتۈن شەھەردىكى تاكسىلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتىرلەشتۈرۈلدى.

جۇڭگونىڭ مۇھىم ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىردىنبىر ياسمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى بولغان فۇشەنمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، سانائەت ئىنتېرنېتىنىڭ قوللىنىشچان تەرەققىياتىنى پائال تېزلىتىپ، 2020-يىلىغىچە 20 مىڭ كارخانىنىڭ بۇلۇت سۇپىسىغا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇشەن سانائەت ئىنتېرنېتى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭدۇڭنىڭ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، گۇاڭدۇڭ 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 54 مىڭ 487 نى قۇرۇدى، ئىشقا كىرىشتۈرگەن مەلۇمات مەركىزى 160 تىن ئاشتى. بۇ يېڭىچە ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇغراپىيەلىك بوشلۇق ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان «رەقەملىك قولتۇق رايونى»نىڭ ئومۇمىي دائىرىسى روشەن گەۋدىلەندى شۇنداقلا «ئاقىل قولتۇق رايونى»نىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى كەسىپ ئاساسىي ھازىرلاپ بېرىلدى.

بۇ يىل، سۈنئىي ئاقىل، ئەقلىي ئېنېرگىيە كەسپى قاتارلىق يېڭىچە يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسىپلىرى يۇقۇمنىڭ كاشىلىسىنى تۈگىتىپ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى قۇۋۋەتكە ئايلاندى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولدى. دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر گۇاڭجۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ يۈتۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭشەن داشۆسى «تيەنخې 2-نومۇر»لۇق دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر مەركىزى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىنى تاللاش، ئۆپكە ياللۇغىنىڭ CT سۈرىتىگە ئەقلىي دىياگنوز قويۇش قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە تېزدىن مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

لۇ يۈتۇڭ مۇنداق دېدى: بازارغا سېلىنغان بارلىق دورىلارنى مەۋھۇم تاللاش ئارقىلىق، قىسقىغىنا بىر كۈن ئىچىدە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈنۈمى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار كۆپ خىل دورىلارنى تاللاپ، بىرىنچى بولۇپ دورا جەدۋىلىنى دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-سېپىدىكى داۋالاش كوللېكتىپىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىنى تاللىشىغا تىرەك ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدۇ.

«رەقەملىك قولتۇق رايونى» قۇرۇلۇشى يەنە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان 2019-يىللىق يەر شارى خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماسى رەت تەرتىپىدىن ئايان بولۇشىچە، يەر شارىدىكى  خەلقئارا پاتېنت جەھەتتىكى ئالدىنقى ئون كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى كارخانىلار ئۈچنى ئىگىلىگەن، شېنجېن خۇاۋېي شىركىتى ئۇدا ئۈچ يىل 1-ئورۇندا تۇرغان. خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئالىي مۇئاۋىن لىدىرى خۇ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: «رەقەملىك قولتۇق رايونى» ۋە «ئەقلىي قولتۇق رايونى» قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن كۈچلۈك ھېسابلاش كۈچى-چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. كۆپ خىللاشقان ھېسابلاش كۈنسايىن يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلانماقتا، ھېسابلاش كۈچى-رەقەملىك دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. بىز كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىمى بىلەن تەرەققىياتنى بىرلىكتە پىلانلاپ، قىممەت زەنجىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات ئارقىلىق كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەقەملىك قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە