ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-20 18:50

 

 

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدېيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەربابلىرى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، تەدبىرلەردە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى، دەپ ھېسابلىدى. بۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى قوللىغانلىق دەپ تەكلىپ قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللاش ۋە مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

72-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، لائوسنىڭ سەھىيە مىنىستىرى بېنگون سىخافون مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئۆزى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تەجرىبە بىلەن تەمىنلەش ۋە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەردى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتتى. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئىنتايىن قۇۋۋەتلەيمەن. 

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ھەممىدىن مۇھىم. ئۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، ئادەم كۈچى ياردىمى بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئوۋېن كالۇۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرى شەخسىي مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە باشقا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا ئېھتىياجلىق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى ۋە باشقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. 

مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى خانى سەلىم مۇنداق دېدى: زادى نېمە جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن بۇ سىناقتا دۇنيا خەلقىگە بەرگەن ياردىمىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدىن بەكرەك چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ جۇڭگونىڭ ھازىر خەلقئارادا قىلىۋاتقان ئىشلار مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت قىلىدىغان ئىشلار. پۈتۈن دۇنيا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بەردى، مانا بۇ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سىياسىي ئالىمى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى سالىھ ساغىرى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگونىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇ سۆزىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنى قوللاشنى زورايتىشنى تىلغا ئالدى، بۇ مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق. 

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ جۇڭگودا يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئامبىرى ۋە تۈگۈنى تەسىس قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمدە تىرانسپورت ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېشىل يولى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار بۇنى قۇۋۋەتلىدى.  

ئاۋسترالىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئاخبارات تورىنىڭ باش مۇھەررىرى ماكۇس روبېنستان مۇنداق دېدى: ماددىي   ئەشيا بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە جۇڭگو ناھايىتى ياخشى ئىشلارنى قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر شارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا سودىدا ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ مول، نەتىجىلىك تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا بەخت يارىتىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يەر شارى ماكانىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەربابلار بۇنى چوڭقۇر قۇۋۋەتلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. 

ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسى جۇڭگو مەركىزىنىڭ مۇدىرى رانا مىت مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت سەھىيە- ساغلاملىقى ئورتاق گەۋدىسى ئىنتايىن مۇھىم ئۇقۇم. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم بولغىنى شۇكى، بىز يۇقۇم كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مەلۇم بىر دۆلەتكە تايىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، چوقۇم پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار، ئىلىم ئەھلى، ھەتتا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە قاتنىشىشى كېرەك. 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە يۇقىرى باھا بەردى