ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ماۋنەنلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 16:05

 

 

 شى جىنپىڭ ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇقى بەردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماۋنەن مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرەر مىللەت چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجە. يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش ئاتلىنىشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتەك ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويدى. قانچە مۇھىم پەيتكە كەلگەنسېرى ئىشەنچنى شۇنچە چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ماۋنەن مىللىتى ئېلىمىزدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز 28 مىللەتنىڭ بىرى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى خۇەنجياڭ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ  نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ماۋنەنزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، ناھىيە بويىچە ماۋنەن مىللىتىنىڭ نوپۇسى 64 مىڭ 500 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ماۋنەن مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن % 70 ىنى ئىگىلەيدۇ. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خۇەنجياڭ ناھىيەسىدە نامراتلىشىش نىسبىتى % 1.48 كە چۈشتى. 2020-يىلى 5-ئايدا خۇەنجياڭ ناھىيەسى نامرات ناھىيەلەر تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىقتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماۋنەن مىللىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ماۋنەن مىللىتى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. يېقىندا خۇەنجياڭ ناھىيەسىدىكى ماۋنەن مىللىتى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۇ جايدىكى ماۋنەن مىللىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خۇشاللىقىنى دوكلات قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ماۋنەنلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى