ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 18:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 15 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ئەزالار بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.
 
中央广播电视总台 央广网 版权所有