ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 19:40

 

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى» ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 45-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، بۇ قانۇننى ئېلان قىلدى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 بولۇپ، 2886 ۋەكىل قاتناشتى، 70 ئادەم قاتنىشالمىدى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى. يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2020-يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى قۇۋۋەتلەندى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى ماقۇللاندى. ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن تارتىپ يولغا قويۇلدى. 

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020 -يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2019-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت  لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2020-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىن بۇيانقى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قۇۋۋەتلىنىپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. 

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ فېڭ جۇڭخۇانىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. 

ئارقىدىن لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. يىغىندا ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى.

ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى. تەخمىنەن ئىككى ئايدا مەملىكەت ئىچىدە بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلار بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلەندى، تەخمىنەن ئۈچ ئايدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. دۆلىتىمىزدەك بىر مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى. بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ كۈچى. 

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلار قاراپ چىقىپ تەستىقلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر باسقۇچتىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق زىممىمىزگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم. 

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكسى يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى قانۇن كودېكسى نامى بىلەن ئاتالغان قانۇن، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قانۇن، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ھەق تەلەپ  قانۇن تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز بۇ قانۇننى باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىپ؛ تەشۋىق قىلىپ، بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە بۇ قانۇن كودېكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم. پۈتۈن جەمئىيەتتە ھەق تەلەپ پائالىيىتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا قانۇن بويىچە شۇغۇللىنىپ، ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنى ئىمكان قەدەر ئازايتىپ، ھەق تەلەپ زىددىيەتلىرىنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. 

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە قارار چىقىرىلدى، بۇ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر بولۇپ، ئاساسى قانۇن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىغا، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇننى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ مۇقىم قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

لى جەنشۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىجادىيەت روھىغا، ئۇلۇغ كۈرەش روھىغا، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىشىش روھىغا، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىغا ئىگە، بۇ بىزنىڭ بوران چاپقۇنلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى ئاساسى كۈچ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ،«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ،«ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا مۇستەھكەم يىلتىز تارتىپ، بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقايلى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى  جاكارلىدى، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يۇ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جۇ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگوڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلوڭ شۇنداقلا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى سىرتتىن ئاڭلىدى.

چەتئەللەرنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى يېپىلدى

    13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى.