ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-29 21:32

 

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب قاتارلىق جايلاردا قارا يامغۇر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەردى، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلكۈن، ھۆلچىلىك، گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئاساسلىق تاشقىن مەزگىلىگە كىردى، بىر قىسىم جايلاردىكى كەلكۈن ئەھۋالى كەسكىن بولماقتا، يېقىنقى مەزگىلدە تەيفېڭ بورىنى كۆپ چىقىش پەسلىگە كىرىدۇ. دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق تارماقلار بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇداپىئە تەييارلىقى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خېيىم-خەتەر، يوشۇرۇن خەتەرلەرنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچلۈك تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى،