ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-04 17:52

 

4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا چىڭخۇا داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، تەڭ ئالغا باسىدىغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇپ، گۈللەنگەن دەۋردە تۇغۇلۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. 4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جايلاردىكى ھەر ساھە ياشلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز. 

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلغان مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىغىندا تۇرۇشلۇق ئىجرائىيە رەئىسى، سىچۈەن داشۆسى ھاياتلىق ئىلىمى شۆيۈەنىنىڭ 2020-يىللىق بىيولوگىيە كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى لېي ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بولۇپمۇ دۇنيادىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ھاياتلىق ئىلىمى ساھەسىدىكى تەتقىقاتىمىزنىڭ دۆلەتكە، خەلققە ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. مەن تىرىشىپ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دادىل ئىجاد قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھاياتلىق ئىلىمى ساھەسىدىكى ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن.

«جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى كوللېكتىپى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى، «كۈرەشچى» ناملىق ئادەملىك چۆككۈنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ بومۇ سۆھبەت يىغىنىدا تەسىراتىنى سۆزلىدى. ياڭ بو مۇنداق دېدى: باش شۇجى «ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەش، بۈيۈك ئەخلاق  يېتىلدۈرۈش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

پۈتكۈل پەن-تەتقىقات خىزمىتىمىزدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، مۇشۇنداق دېڭىز-ئوكيان جابدۇقلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېڭىز-ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جۇڭگولۇقلارنىڭ چوڭقۇر دېڭىزغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. 

ياشلار گۈللىنىش دەۋرىدە تۇغۇلۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر ئېقىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشكۈچى، بۇلۇت ھېساباتى (تيەنجىن) ھەمبەھرە ئىقتىساد ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ خۇي مۇنداق دېدى: بىز ھەمبەھرە ئىقتىساد ساھەسىدە 50 مىليوندىن ئارتۇق يەككە تىجارەتچىگە مۇلازىمەت قىلدۇق، ئۇلار بۇيرۇتما تاماق توشۇغۇچىلار، تازىلىقچى ھەدىلەر، رېمونتچى ئۇستاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۈنۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈردۇق، ياش، ياش پۇقراۋى كارخانىچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي ئالدىغا مېڭىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرىمىز.

«جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى»غا ئېرىشكۈچى، شاڭخەي شېڭدۇڭ خەلقئارا يۈك ساندۇق پىرىستانى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاسما كىران شوپۇرى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: مەن تەلىيىمگە شاڭخەي پورتى كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭخەي پورتىنىڭ ئۇدا 11 يىل  يۈك ساندۇق كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۇدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇش جەريانىغا گۇۋاھ بولدۇم. مەن كوللېكتىپىم بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك پورت قۇرۇشتەك يۈكسەك بۇرچنى داۋاملىق زىممەمگە ئېلىپ، «توختىماي ھەرىكەت قىلىدىغان»  ئاسما كىران ئارقىلىق دۇنيا بىلەن شاڭخەينى زىچ باغلايمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ ئېلىشى كېرەك. «جۇڭگو ياشلار 4-ماي مېدالى» غا ئېرىشكۈچى، سۇجۇ داشۆسى مېدىتسىنا بۆلۈمى رادىياتسىيە مېدىتسىناسى ۋە مۇداپىئە شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ۋاڭ شۇئاۋ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» بىلەن شۇغۇللانغان پېشقەدەم يادرو خىمىيە ئالىملىرى، يادرو فىزىكا ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي پەن تەتقىقاتى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلدى. مېنىڭ غايەم ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىخانىدا ياراتقان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى دۆلىتىمىزنىڭ يادرو سانائىتى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلدۇرۇش.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى