ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 10:48

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، تەرەققىيات-شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەۋزەل بايلىققا تايىنىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، يېزا-كەنت ساياھىتى، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

7-ماي، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم-كېچەك، ئويۇنچۇق، ئېلېكتىر سايمانلىرى زاپچاسلىرى قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن گېرمانىيەنىڭ دۇيىسبۇرگ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2100گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نان، بولكا قاچىلانغان سوغۇق ساقلاش چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىمۇ قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاتنىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى يېشىل ئاشلىق ئامبىرىغا تايىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن چېگرا ئېغىزىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نان كەسىپ باغچىسىنى قۇرۇدى. باغچە رايونى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، رايوننى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېقىن بولغان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى باشلامچى كارخانىلارنى يۆلەش ئارقىلىق، كوپىراتىپ قوشۇلغان بازا قوشۇلغان دېھقان ئائىلىلىرى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن ئوبلاستتا يەم خەشەك ئوت-چۆپلىرىنى تېرىش، ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش، كۆلەملىك باقمىچىلىق، سويۇش، پىششىقلاپ ئىشلەشنى تەڭ ئىلگىرى سۈردى.

سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. «قورۇلنىڭ سىرتىدىكى جەنۇبىي جۇڭگو» دېگەن گۈزەل نامى بار ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى سۇ، تۇپراق، قۇياش نۇرى، كىلىمات قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، گۈل-گىياھ، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى ۋە ساياھەت كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، دۆلەت ئىچىدىن 14 مىليون ساياھەتچىنى قار-مۇز تېيىلىش ۋە تاماشا قىلىش، چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلىپ، ساياھەتتىن 10 مىليارد يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى.

پاختا-شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىقىنىڭ بىرى. ماي بايرىمى مەزگىلىدە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى 30 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى كېۋەزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تېرىلىپ بولدى. مارالبېشى ناھىيەسى ئاقتوغراق كەنتى يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى ئىسمايىل كوپىراتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق دېدى. 

توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى-شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا يېرىمغا يېقىن دېھقان بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇ داگاڭ كەلگۈسىدە، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىمىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇپ، تەڭكەش تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولىمىز دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولماقتا

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى 9-ئايدا 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، تەرەققىيات-شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.