ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرولۇق بۆلمىگە ئورۇنلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 16:16

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرولۇق بۆلمىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى 

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرولۇق بۆلمىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش، دۆلەت ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نىشانى، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى قۇرۇلۇش. 

بارلىق ئالەم قاتنىشى خادىملىرى باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق كۈرەش قىلدى.

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 17-ئىيۇن جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۇچرىشىپ تېز سۈرەتتە تۇتاشتى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

17-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى  ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق F توشۇغۇچى راكېتانىڭ كۆتۈرۈشى بىلەن، ھەيۋەت بىلەن  كۆككە كۆتۈرۈلدى، تەخمىنەن 573 سېكۇنتتىن كېيىن، شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ چىقتى، ئۇچۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ھالىتى ياخشى بولدى. قويۇپ بېرىش مەيدانى رايونى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، جۇڭگو جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىفېن شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى!

بۇ ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تۈرى تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 19-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 1-تەتقىقات يۇرتى ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق F توشۇغۇچى راكېتا سىستېمىسىنىڭ باش قوماندانى جىڭ مۇچۈن باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئوربىتىنى مەلۇم قىلىش پارامېتىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى 3-ئورۇندا تۇردى، مەسىلەن، يېقىن جايدىكى 200 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى پەرق ئۈچ مېتىر، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھالىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى، ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن بۈگۈن ھاۋانىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن ئوربىتىغا كىرىش ھالىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولدى، بېيجىڭ ۋاقتى 2021-يىلى 17-ئىيۇن سائەت 15 تىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆز ئالدىغا  ئۇچرىشىپ تېز سۈرەتتە تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ،  تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ ئالدى يۆنىلىشلىك ئېغىزىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇتاشتۇرۇلغان تيەنجۇ 2-نومۇرلۇق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ بۆلمە (ئالەم كېمىسى) بىرلەشمە گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ تيەنخې يادرولۇق بۆلمىسى قويۇپ بېرىلىپ ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇشى. شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىستېمىسى تۈرىنىڭ مەھسۇلات كاپالەت دىرېكتورى جېڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋاقىت 6.5 سائەت، تەخمىنەن بېيجىڭدىن يۇقىرى سۈرەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ چاڭشاغا بېرىش جەريانىغا توغرا كېلىدۇ، سىز پويىزدىن چۈشكەندە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بېكەتكە يېتىپ كېلىدۇ، تەخمىنەن مۇشۇ دەرىجىدە.

بىرىكمە گەۋدە ئۇچۇش مەزگىلىدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى قايتىش بۆلۈمىسىدىن ئوربىتا بۆلۈمىسىگە كىردى. تەرتىپ بويىچە تۈرلۈك تەييارلىقلار تاماملانغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۈگۈن بۆلۈمىسىنىڭ ئىشىكى، يادرولۇق بۆلۈمىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، 17-ئىيۇن سائەت 18 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالەم ئۇچقۇچىسى نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسىگە كىردى، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كېيىن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئوربىتىدا ئۈچ ئاي تۇرۇپ، مېخانىكىلىق بىلەك مەشغۇلاتى، بۆلۈمىدىن چىقىش پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربىتىدا ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش، ھاياتقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ھالقىلىق تېخنىكىلارنى دەلىللەيدۇ. دۆلەتلىك ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەن تەتقىقات مەشىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇاڭ ۋېيفېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ھەر بىرى شەخسىي بۇيۇملىرىنى ئېلىۋالدى. ئۇلار ۋىدېيو كۆرەلەيدۇ، مۇزىكا ئاڭلىيالايدۇ، ئويۇن ئوينىيالايدۇ، يەر يۈزىگە تېلېفون قىلالايدۇ، قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايدۇ. ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش ۋەزىپىسى پىلانى بويىچە، ئېلىمىز بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى يەنە سەككىز قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى يولغا قويىدۇ، 2022-يىلى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئوربىتىدا قۇرۇشنى تاماملاپ، دۆلەت ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خاۋ چۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرولۇق بۆلمىگە ئورۇنلاشتى

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرولۇق بۆلمىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلاشتى