ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-14 15:33

  جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ جاپالىق خىزمىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

    جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم خۇلاسە يىغىنىدا سۆز قىلدى.

    13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. سائەت 11 لەردە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

    شى جىنپىڭ يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، تەبرىكلەش پائالىيىتى كاتتا، تەنتەنىلىك، ھەيۋەتلىك، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇپ، مۇراسىم تۇيغۇسى، قاتنىشىش تۇيغۇسى، زامانىۋىلىق تۇيغۇسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو ئۇسلۇبى، جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو خىسلىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، روھنى ئۇرغۇتۇش، جەڭگىۋارلىقنى ئۆستۈرۈش رولىنى ئويناپ، كۆزلىگەن نىشانغا تولۇق يەتتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كۆپ، قاتناشقان خادىملار نۇرغۇن، ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، ماسلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولدى، تەبرىكلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، يۇقىرى يۈكسەكلىكتە ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە يولغا قويۇپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنى پارتىيەنىڭ كاتتا مەرىكىسى، خەلقنىڭ بايرىمى قىلىپ ياخشى ئۆتكۈزدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى تولۇق تاماملاندى، لېكىن پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش جەھەتتە يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇرغۇتقان جۇشقۇن قىزغىنلىق ۋە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچتىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش؛  100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، تارىخىي ئەقىل-پاراسەتنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش جەريانىدا تارىخىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش؛ پارتىيەنى تارىخ ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ دۇنياغا يەنىمۇ يۈزلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەمىز ۋە ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش؛ تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇراسىم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «14-بەش يىل»لىق  پىلان ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى.

    ۋاڭ خۇنىڭ يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ھەققىدە ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز  بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى-يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، جايلار، تارماقلار، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر قايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە تارىخى باش تېما كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇرغۇتقان قىزغىنلىقنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

    تەبرىكلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، جاڭ يۇشيا، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى كۆرۈشۈشكە ھەم يىغىنغا قاتناشتى. تەبرىكلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى. خىزمەتچىلەر،  ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى، ئۇچقۇچىلار ئەترىتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە پىيونېرلار، خور ئۆمىكى، ئارتىسلار، ئامانلىق ساقلاشنىڭ 1-سېپىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلار، پىدائىيلار، مۇلازىمەت كاپالەتچىلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى.