ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 15:25

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 15-سېنتەبىر كەچتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

15-سېنتەبىر كەچتىكى شىئەن ئولىمپىك مەركىزىي تەنتەربىيە مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قاتارلىقلار سائەت 19 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

سائەت 20 دە، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق جۇشقۇن مېلودىيە ساداسى ئىچىدە، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى  ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىردى. نەق مەيداندا جاراڭلىق «تەنھەرىكەتچىلەر مارشى» ياڭرىدى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە 60 بايراقچىدىن تەركىب بايراق چاسا ئەترىتى، رېپىرلار ۋەكىللىرى چاسا ئەترىتى رەئىس سەھنىسىگە قاراپ ماڭدى. ئارقىدىن 37 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى يېتىپ كەلدى، ئۇلار ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە ئۈچ كەسپىي تەنتەربىيە جەمئىيىتىدىن كەلگەن. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى بىلەن تەنھەرىكەتچىلەرنى قارشى ئالدى.

مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، جەۋلان قىلدى.

شەنشى ئۆلكىسى، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ سائەت 20 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە جاراڭلىق ئاۋاز  بىلەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى!» دەپ جاكارلىدى. شۇ ھامان پۈتۈن مەيدان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، چاۋاك، ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناخشىسىنىڭ مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقى ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.

تەنھەرىكەتچى ياڭ شۈنخۇڭ، تىرېنېر چېن رۇڭشۆ، رېپىر جۇڭ خاڭۋېي 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپېرلارغا ۋاكالىتەن ئايرىم-ئايرىم قەسەم بەردى.

 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ناخشىسى «كەلگۈسىگە ئاتلىنىش»نىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، «يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» ناملىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، پۈتكۈل ئويۇن مۇقەددىمە  «مېھمان كۈتۈش تەنتەنىسى» ۋە «مىللەت يىلتىزى»، «يەنئەن روھى»، «جۇڭگو ئارزۇسى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنىكا ۋە ئاۋاز، فوتو ئېلېكتىر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «ئومۇمىي خەلق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بىر نىيەتتە ئىلگىرىلەش» دېگەن باش تېمىسى جانلىق شەرھلەندى.

كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەيدان ئىچىدە مەشئەل يەتكۈزۈش ۋە ئاساسىي مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. 16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەلى شەنشى ئۆلكىسىدە داۋاملىق يەتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا شىئەن ئولىمپىك مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىغا يەتكۈزۈلدى. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتى ئاستىدا، سۇ بىڭتيەن، جاڭ يۈفېي، چىن كەي، گو ۋېنجۈن، ما لۇڭ قاتارلىق بەش مەشئەلچى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزدى، ئەڭ ئاخىرىدا توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچى ياڭ چيەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلىنى تۇتاشتۇردى.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سائەت 21 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، «ھالقىش» ناملىق ناخشا قوزغىغان قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تولۇق ئاياغلاشتى.

شى جىنپىڭ 15-سېنتەبىر  چۈشتىن كېيىن شەنشى سارىيىدا مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە تىرېنېرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، چېن شى، سەي دافېڭ، لۇ جەنگۇڭ، خې لىفېڭ يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 27-سېنتەبىر ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي 12 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ماھارەت مۇسابىقە تۈرىگە، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋى تەنھەرىكەتچى ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 15-سېنتەبىر كەچتە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.