ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-27 18:34

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئىيۇن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى باشلانغاندا، مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن ئايرىم-ئايرىم خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتتۇق، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، تۈرلۈك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن مىڭدىن كۆپرەكىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولدى، جۇڭگو-رۇسىيە بىرلەشمە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، ھازىرقى خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي سەھنىدە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرماقتا. ئىككى تەرەپ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رۇسىيە-جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسىدا پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى تولۇق نامايان قىلىندى. ئىككى يىلدىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن تەسىرنى يېڭىپ، مىڭدىن ئارتۇق پەن تەتقىقات پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. جۇڭگو ئېغىر ئىيونلۇق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ (NICA) چوڭ ئىلىم-پەن قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، ئىككى تەرەپنىڭ رۇسىيە-جۇڭگو ماتېماتىكا مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق نەتىجىسى بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى شۇ كۈنى يېپىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن جۇڭگو-رۇسىيە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى