ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئەنخۇينىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تۆت تىرىليون يۈەنگە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-24 16:45

يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش-يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجى. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەممىسى قۇدرەتلىك پەن-تېخنىكا تېرىكىگە موھتاج. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. 2021-يىلى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تۆت تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، «مىقدار»نىڭ ھالقىشى ۋە «سۈپەت»نىڭ ئۆسۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق تەدبىرگە ئايلاندى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېفېي تەتقىقات يۇرتى قاتتىق جىسىم فىزىكىسى تەتقىقاتخانىسىدا، تەتقىقاتچىلار يۇقىرى ئىقتىدارلىق مېتال سىلكىنىشنى پەسەيتكۈچنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ لايىھەلىدى. نۆۋەتتە، بۇ يىراقتىن سېزىپ تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھ بايلىقىنىڭ 2-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىغا ئىشلىتىلىپ، تاشقى مۇھىتتىكى %90 تەۋرىنىشنىڭ كاشىلىسىنى سۈمۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى، ئوربىتىدا مۇقىم ئايلىنىشى ھەم يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بەردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېفېي تەتقىقات يۇرتى قاتتىق جىسىم تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز مىكرومېتىر دەرىجىلىك ئامپلىتۇدا ئاستىدا، تەۋرىنىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئازايتالايمىز، ئۇنىڭ تەكرارلىنىشچانلىقى ۋە تۇراقلىقى، سىلكىنىشنى ئازايتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىدا ئايلىنىشىنى ناھايىتى مۇقىم مېخانىكا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يېڭىلىق يارىتىشتا ياخشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. 2021-يىلى، ئەنخۇي دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەقلىي تاۋۇش، ئەينەك يېڭى ماتېرىيالىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سان جەھەتتىمۇ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇ رۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدىكى يېتىشىۋېلىش رايونىدىن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچى رايونىغا كىرىشكىچە-يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى مۇكەممەللىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى توپلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولدى، ئەنخۇينىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپنى يېڭىلىشى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، يېتەكلەش رولىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.

دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر»ىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئەنخۇي يەنە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېنېرگىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىگە تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىۋانت پەن-تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى زور نەتىجىلەر ئەنخۇيدا كەسىپلىشىپ تەرەققىي قىلدى. ئەنخۇي خېفېيدىكى بىر پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خې يۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز كىۋانتلىق نازۇك ئۆلچەش تېخنىكىسىنى پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە قوللىنىپ، جۇڭگودىكى تۇنجى ۋە دۇنيادىكى تۇنجى ئىلغار ئۈسكۈنە مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدۇق، مەسىلەن: ئالماس كىۋانتلىق ھېسابلاش، ئوقۇتۇش ماشىنىسى-كىۋانت ھېسابلاش جابدۇقىنىڭ يەر شارىدا ئېكىسپورت قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ يەككە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.

ئەنخۇي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2021-يىلى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۆت تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8.3 كۆپەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، «يېڭىلىق يارىتىش شەھىرى» بولغان خېفېينىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۆتتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جۈن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆلكىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تېز ھەم مۇقىم بولدى، 2009-يىلى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون يۈەندىن، 2013-، 2018-يىللىرى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تىرىليون يۈەن، ئۈچ تىرىليون يۈەندىن، 2021-يىلى تۆت تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، بىر تىرىليون يۈەنلىك سەۋىيەدىن ھالقىش مۇساپىسى ئۈچ يىلغا قىسقاردى. ئۆلكىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ۋە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بەلگە خاراكتېرلىك پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تېز بولۇش بىلەن بىللە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئىقتىساد، يېڭى قۇۋۋەت ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى ۋە زورايدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى لو پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلىرى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ بارلىق سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %41 كە يەتتى. 2021-يىلى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى 11 مىڭغا يېتىپ، 2500دىن ئارتۇق ساپ كۆپىيىپ، بىر تۈركۈم تۈر ۋە بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپىنى ئەنخۇيغا كېلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىپ، ئەنخۇي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئەنخۇينىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تۆت تىرىليون يۈەنگە يەتتى

يېڭىلىق يارىتىش-تەرەققىياتقا يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.