ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-03-09 18:34

 

 

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىش»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ توقۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىرەك بولۇش كېرەك.

«8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ياڭ فېڭجى، ۋاڭ جىڭ، تاڭ جۈنجيې، مو رۇڭ، يېشى داۋا، ۋەن جيەنمېن، ۋاڭ خەيجىڭدىن ئىبارەت يەتتە ئەزا يېزا-كەنت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۇلىنى پۇختىلاش، ئۇرۇقچىلىقتا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغانلىقىم، ئۇلارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەر بىر ئەزا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، يېزا ئىگىلىك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق،  ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قاتتىق زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قەيسەرانە كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلدى، ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقتى،  بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭىدىن زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «14-بەش يىل» ياخشى باشلاندى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەيسەرانە كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر. بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، تەرەققىياتىمىز يەنىلا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلىق شارائىتقا ئىگە. بىرىنچى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئېغىر خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش قاتارلىقلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ  «غەربتىكى قالايمىقانچىلىق» بىلەن بولغان سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ روشەن بولدى. ئۈچىنچى، سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىش داۋامىدا توپلىغان پۇختا ئاساسىمىز بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئىقتىسادنىڭ سىغىمى چوڭ، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ، ھەم دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بازار بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولۇش ئاساسىي ئۆزگەرمەيدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىك ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە. تۆتىنچى، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بولغاچقا، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى داۋاملىق يارىتىلدى. بەشىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى كۈچى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، شىجائىتى، جاسارىتى، ئاساسى مىسلىسىز كۈچەيدى، پارتىيە قەلبى، ئارمىيە قەلبى، ئەل قەلبى روھلاندى. بىز ھەم قىيىنلىققا توغرا قاراپ، ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى-«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». ھەممە ئىشتا، تاماق مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم. جان يىلتىزى ئاش. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىز دۇنيانىڭ %9 نى ئىگىلەيدىغان تېرىلغۇ يەر، %6 نى ئىگىلەيدىغان تاتلىق سۇ بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىمغا يېقىن نوپۇسنى بېقىۋاتىدۇ، ئېلىمىز ئەينى يىللاردىكى 400 مىليون ئادەمنىڭ قورسىقى تويماسلىقتىن بۈگۈنكى كۈندە بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىچە-«كىم جۇڭگونى باقىدۇ» دېگەن مەسىلىگە كۈچلۈك جاۋاب بەردى. بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، ئۇنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، سانائەتلىشىش دەۋرىگە كىرگەندە، تاماق مەسىلىسىنى چوڭ مەسىلە ئەمەس دەپ قاراشقا بولمايدۇ شۇنداقلا خەلقئارا بازارغا تايىنىپ ھەل قىلىشتىن ئۈمىد كۈتۈشكىمۇ بولمايدۇ. سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، ئۆزىنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاشنى چىڭىتىش لازىم، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى، ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونلىرى تاماق قاچىسىنى تەڭ كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەڭ زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. سەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىق، كۆممىقوناقنى مۇقىملاشتۇرۇش، دادۇر، ياغلىقداننى كېڭەيتىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ بىر تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىغا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقىنى قاچىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداپ، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك؛  يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش-ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ئۇنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تېجەشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تېرىلغۇ يەر-ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئۇلى. ئېتىز دېگەن ئېتىز، ئۇ پەقەت تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلىتىلىش يوللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەر ئوبوروتىنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئاق قالغان يەرلەردىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»، «ئاساسىي ئېتىز»لارنى ئاشلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇش لازىم. ئېتىز-مۇنبەت ئېتىز بولۇشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغىنى قۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شورلۇق يەرلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئۆزگەرتىپ، بىر مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم. «چىش چىقىرىش»تىن ئىبارەت قاتتىق تەدبىرنى قوللىنىش، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىش كېرەك، مەركەز ھەر قايسى جايلار بىلەن تېرىلغۇ يەرنى قوغداش «ۋەدىنامىسى» ئىمزالاپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاپ، ئۆمۈرۋايەت جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىر مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنىڭ  مەسئۇلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى-پەن-تېخنىكىدا. ئۇرۇق مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكى-دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۇرۇق مەنبەسىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ئۇرۇقچىلىق ساھەسىدىكى دۆلەتنىڭ زور يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇللۇق، ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ،  ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى توپلاش، قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىيو سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ كەسىپلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سورتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئېلىمىز ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئاشلىق تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، گۆش، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم، بۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تېرىلغۇ يەر بايلىقىدىن پۈتكۈل دۆلەت زېمىنى بايلىقىغا كېڭەيتىپ، ئاشلىققا باب كەلسە ئاشلىققا، ئىقتىسادقا باب كەلسە ئىقتىسادقا، چارۋا بېقىشقا باب كەلسە چارۋا بېقىشقا، بېلىقچىلىققا باب كەلسە بېلىقچىلىققا، ئورمانغا باب كەلسە ئورمانغا ئىشلىتىپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە ماس كېلىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئورمانلىقتىن يېمەكلىككە ئېرىشىش، دەريا، كۆل، دېڭىزلاردىن يېمەكلىككە ئېرىشىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن يېمەكلىككە ئېرىشىش شۇنداقلا ئەنئەنىۋى زىرائەت ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بايلىقىدىن تېخىمۇ مول جانلىقلار بايلىقىغا قاراپ كېڭەيتىپ، بىيو پەن-تېخنىكا، بىيو كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات مىكرو ئورگانىزملىرىدىن كالورىيە ۋە ئاقسىلغا ئېرىشىش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يېمەكلىك بايلىقىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ خىل يوللار بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مول، كۆپ خىل يېمەكلىك تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىناتى بىلەن ئۇلارغا بولغان ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن كۆپ مەنبەلىشىۋاتقان يېمەكلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ، يەنە يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارغا بولغان ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، سەمىمىي خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش؛ يېزىلاردىكى قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەر، جەمەت خاراكتېرلىك رەزىل كۈچلەرگە داۋاملىق زەربە بېرىپ، يېزىلاردىكى شەھۋانىيلىق، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچەپ، تۈزۈمنىڭ بىرلىكى ۋە قېلىپلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىرەكلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش؛ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ئادىل قىلىپ، قاپلاش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىكىگە تىرەك بولۇش؛  ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، تۇزاق قۇرۇش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر بىر پۇڭ «كۈتۈنۈش پۇلى»، «ھاياتلىق پۇلى»نى ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، خەلق تۇرمۇشىغا ھەممە جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. بىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالاھىدە كۆيۈنۈپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي تۇرمۇش ياردىمى، مەخسۇس ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، جىددىي ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى سۇبيېكت، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قاتنىشىشىنى تولۇقلىما قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، قاتلام بويىچە تۈرگە ئايرىلغان، ئۇنىۋېرسال-يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قارىتا دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش پۇللىرىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسقا، ئۆلچەمگە، دەللىككە كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، يېزىلاردىكى ياشانغانلار، بالىلار، «ئۆيلىرىدە قالغان بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلار» قاتارلىق ئالاھىدە ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش؛ يۇقۇم، ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سەرگەردان تىلەمچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زېھنىي ئاجىز كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلارنى بوزەك قىلىش، خورلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، جاڭ چىڭلى، لى بىن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، گۇ شېڭزۇ قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى