ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-03-30 18:04

 

يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى پەن-تېخنىكىدا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئەسلىھەلەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش ۋە رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇرۇق مەنبەسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قاناتلاندۇردى.

شەنشى ئۆلكىسى دالى ناھىيەسى يېڭىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچا رايونىغا شەنشى ئۆلكىسى بويىچە تۇنجى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تولۇق ماشىنىلاشتۇرۇش ئەقىل-پاراسەت پارنىكى جايلاشقان بولۇپ، باشقۇرغۇچىلار كامېرا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، ھاۋا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسى، نەملىك سېزىش ئەسۋابى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق، پارنىكتا  سۇغىرىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئوغۇتلاش، دورا ئىشلىتىش قاتارلىق يىراق مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرسا بولىدۇ.

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا، نەرسە تورى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئېتىز-ئېرىقلاردا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە. جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ناھىيەسى داتيەن يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپى جياڭشىدىكى تۇنجى «10 مىڭ مولۇق ئەقىل-پاراسەتلىك دېھقانچىلىق مەيدانى» بولۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانى كۆلەملەشكەن تىجارەت، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، رەقەملەشكەن باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

ئۇرۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۆزىكى. ئۇرۇق مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئېلىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىقىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ئۇرۇقچىلىق ساھەسىدىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، يېقىندا DNAنى مېتىللاشقا قاتنىشىپ بۇغداي ئۇنى تىلىپىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى تەڭشەش مولېكۇلا مېخانىزمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئانالىز قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ  مىليون مولۇق  تۆت ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى چۆرىدەپ، باشلامچى كارخانا، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرىنىڭ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىنى قوللىدى. شىنجاڭنىڭ كېۋەز ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا، كۆممىقوناق ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك