ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-17 18:43

 چەكسىز ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش-بىزنىڭ بوشاشماي ئىنتىلىدىغان ئالەم قاتنىشى ئارزۇيىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى-دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگولۇقلار ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتا تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاپ، تېخىمۇ يىراققا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ.  ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەرلەرنى دادىللىق بىلەن يېڭىپ، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقتى. چاڭئې ئاي شارىنى كەزدى، يەتىكەن يول باشلىدى، جۇرۇڭ مارسنى تەكشۈردى، شىخې قۇياشنى تەكشۈردى، تيەنخې يۇلتۇزلار ئارىسىدا سەيلە قىلدى، «ۋۇكۇڭ»، «خۇييەن» ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇڭگو ئالەم قاتنىشىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېنجۇ 13-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بۆلمىدىن بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق چىقتى. شېنجۇ 13-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى-بوشلۇق پونكىتىنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلارنى دەلىللەش باسقۇچىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ بىن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئوربىتىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، شېنجۇ 12-نومۇر، شېنجۇ 13-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئارقىلىق بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوبيېكتىپ دەلىللىنىپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنىڭ كېيىنكى پۈتكۈل تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ياخشى ئاساس سېلىندى دېيىشكە بولىدۇ.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇردى. «ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇر» ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئەۋلاد زەھەرسىز، بۇلغىمىسىز توشۇغۇچى راكېتا ئارقا-ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش دەۋرى باشلاندى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»ى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، تيەنۋېن 1-نومۇر مارستا تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ ئىزىنى قالدۇردى، يەتىكەن يەر شارى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش، دۆلەت ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى قۇرۇش-پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بۇلتۇر بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلتۇر 6-ئايدا «شېنجۇ 12-نومۇرلۇق» ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش-جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدىكى مۇھىم نامايەندە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشىدۇ، سىلەر-يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدىكى سانسىزلىغان كۈرەشچىلەر، يۇقىرى پەللىگە چىققۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى دەپ كۆرسەتتى.

جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشى پات ئارىدا قۇرۇش باسقۇچىغا كىرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئالتە ئالەم ئۇچقۇچىسى تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئوربىتىدا تۇرىدۇ. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى يىن رۈي مۇنداق دېدى: بىز ھازىر يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئىنسانلارنىڭ ئالەم  ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچىنى گەۋدىلەندۈردۇق.

پىلانېتىلار ئارا تەكشۈرۈش يولىدا، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پۇختا قەدەم تاشلىماقتا. بۇلتۇر 11-ئايدا ئېچىلغان دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىدا، «چاڭئې 4-نومۇر قۇرۇلۇشى» دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ھازىر دۆلەت ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت قارارلىق ۋەزىپىسىنى تەستىقلىدى.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئون يىل ئىلگىرى يولغا قويۇشقا باشلىغان دۆلەتنىڭ زور قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتتۈرۈش ۋە يۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تاماملايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئاي شارىنى تەكشۈرۈشنىڭ 4-قارارلىق قۇرۇلۇشى، پىلانېتالارنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يېڭى ئالەم قاتنىشى زور قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويىدۇ. يەنە بوشلۇق تېخنىكىسى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بوشلۇق ئىلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارادىكى كەسىپداشلار بىلەن بولغان ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى

چەكسىز ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش-بىزنىڭ