ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چۇڭچىڭ شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-18 17:29

چۇڭچىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چاڭجياڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى ۋە تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل ماكان بەرپا قىلدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى ۋە 2019-يىلى ئايرىم-ئايرىم چۇڭچىڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چۇڭچىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرەكلىك رولىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرتكىلىك رولىنى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

چۇڭچىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى ۋە تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل ماكان قۇرۇشنى تېزلەتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 1-ئايدا چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە گويۈەن پورتىغا بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى پاراخوت قاتنىشى مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، چۇڭچىڭدىن ھەر قايسى ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە چېگرا ئېغىزى ئېگىزلىكى، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

گويۈەن پورتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پورتنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈش» توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ۋە قەغەزسىزلەشتۈرۈشتىن باشلاپ تۇتۇپ، گويۈەن پورتىنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق پورت» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.  

چۇڭچىڭ گويۈەن يۈك ساندۇق پىرىستانى چەكلىك شىركىتى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن شياۋچى مۇنداق دېدى: ھازىر شىركىتىمىز يىراقتىن تىزگىنلىدىغان 16 مەيدان، كۆۋرۈكنى ياساپ پۈتتۈردى، 2023-يىلى دۆۋىلەش مەيدانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرمەكچى؛ شىركەتنىڭ «قەغەزسىز سۇپا»سى قۇرۇلۇپ بولدى، «ئېلېكتىرونلۇق مال ئېلىش تالونى» ۋە «ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تالونى»نىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق «قەغەزسىز سۇپىسىنىڭ 2-باسقۇچلۇق» تۈرى جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىغا تايىنىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىدا چۇڭچىڭدىن قاتنىغان جۇڭگو-لائوس نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 47گە، توشۇلغان ئۆلچەملىك ساندۇق 1080 گە، مال قىممىتى 210 مىليون يۈەنگە يەتتى.

قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ليۇ يىجېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جۇڭگو-بېرما، جۇڭگو-مالايشىيا، تايلاند-جۇڭگو-موڭغۇلىيە قاتارلىق خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىز قاتناش لىنىيەلىرىنى ئاچتۇق. ھازىرغىچە قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى 107 دۆلەت ۋە رايوندىكى 316 پورتنى قاپلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 1-ئايدا چۇڭچىڭدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا يول كۆرسىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئوڭشاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى ئورتاق تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاچماي، زور ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالدىن تاللاش تۈرى قىلىش كېرەك.

2019-يىلى 4-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭغا مۇنداق ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىننى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. چۇڭچىڭ ئانا دەريانى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەملىكەت بويىچە باشلامچى بولۇپ دەريا باشلىقى تۈزۈمىدە مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، شەھەر دەرىجىلىك باش دەريا باشلىقى مەخسۇس نازارىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماسلىشىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىچۈەن ئۆلكىسى بىلەن مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۆلكە ھالقىغان دەريا باشلىقى ئىشخانىسى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان 81 دەريانى تەڭ باشقۇرۇپ، تەڭ تۈزىدى.  

«13-بەش يىل»مەزگىلىدە، چۇڭچىڭدىكى دۆلەت باھالىغان 42 كەسمە يۈزىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.3 پوئېنت ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن  بىر ۋاقىتتا، ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى 292 كۈندىن 333 كۈنگە كۆپەيدى، PM2.5نىڭ قويۇقلۇقى تۇنجى قېتىم دۆلەتنىڭ 2-دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتتى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدە دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىگە كىرگۈزۈلگەن توققۇز تۈرلۈك چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچ ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شېڭخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل ماكان بەرپا قىلىش نىشان قىلىنىپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا چۇڭچىڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چۇڭچىڭ شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلىدى

چۇڭچىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چاڭجياڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى ۋە تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل ماكان بەرپا قىلدى