ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-27 18:58

 شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى  

«4-ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلق داشۆسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلق داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ياش خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشلارنىڭ پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، گۈزەل ياشلىقىنىڭ، دەۋرنىڭ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش»--باشتىن-ئاخىر مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ داشۆ باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ياشلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى، نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، قەھرىمانلاردىن، ئەجدادلاردىن، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر ئېقىمىدا كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

جۇڭگو خەلق داشۆسى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرغان تۇنجى يېڭىچە مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى 1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن شىمالىي شەنشى  ھۆكۈمەت مەكتىپى، شۇنداقلا كېيىنكى شىمالىي جۇڭگو بىرلەشمە داشۆسى ۋە بېيفاڭ داشۆ، شىمالىي جۇڭگو داشۆسى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەن، ئالىي مائارىپ ۋە ماركسىزملىق ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئېلىمىزنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەن، ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى بايراق» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ دۇڭگاڭ، مەكتەپ مۇدىرى ليۇ ۋېينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئالدى بىلەن لىدې بىناسىغا كېلىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنىپىنىڭ نەق مەيدان ئوقۇتۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرىگە قاتناشتى، مەكتەپنىڭ مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى، ئۆتكۈر، سەۋىيەلىك  ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقىدا ئەھمىيەت بېرىش-بەرمەسلىك، ماسلىشىش-ماسلىشالماسلىق، ياخشى ئىشلەش- ئىشلىيەلمەسلىككە قاراش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسنىڭ ماھىيىتى قائىدە سۆزلەش، شەكىل، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدىنى چوڭقۇر، تولۇق، جانلىق سۆزلەش لازىم، ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىشى، ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەقىل-پاراسەتنى، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيە بىر داۋاملاشما جەريان، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارغا قارىتا، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇش كېرەك. خەلق داشۆسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، كامالەتكە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كۆپ «ئالتۇندەك دەرس» بىلەن تەمىنلىشىنى، شۇنداقلا جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئىدىيەۋى سىياسىي دەرسنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي دەرسى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىش ئاۋانگارتلىرىدىن، كەسىپ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو خەلق داشۆسى تارىخى كۆرگەزمىسى مەكتەپ مۇزېيىدا تەسىس قىلىنغان. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلق داشۆسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا تەرەققىي قىلىپ زورايغان بولۇپ، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋە روشەن قىزىل گېنغا ئىگە. بۇ شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە قىزىل گېنغا چوقۇم ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ بۇ مۇھىم بازىسىنى ياخشى ساقلاش كېرەك. مەكتەپ تارىخى ماتېرىياللىرىنى قېزىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى، پارتىيەنىڭ خەلق داشۆسى قۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

مۇزېينىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، شى جىنپىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ياش، ئوتتۇرا ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، روھىنىڭ كۆتۈرەڭگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلق داشۆسى ئەزەلدىن ئىختىساسلىقلار، داڭلىق ئەربابلار توپلاشقان جاي. پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. ياش، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەردىن ئۆگىنىپ، چوڭ ئۇستاز بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇپ، سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇستازلار بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلار تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق داشۆسىنى ئېلىمىزنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

جۇڭگو خەلق داشۆسى كۇتۇپخانىسى ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەن، ئىلمىي ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ساقلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 4 مىليون 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قىزىل ھۆججەتلەر، قەدىمكى ئەسەرلەر مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆردى، زامانىۋى ئىزدەپ تېپىش سۇپىسى ۋە گېزىت-ژۇرنال، ماتېرىياللارنى كۆپەيتىش قاتارلىق رەقەملەشكەن ئىلىم بايلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەكتەپنىڭ ھۆججەت، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق داشۆسىدە ساقلىنىۋاتقان قىزىل ھۆججەتلەر پارتىيەمىزنىڭ مۇنتىزىم ئالىي مائارىپ قۇرۇشتىكى جاپالىق مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك قىزىل ئەسلىمە، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداپ، رەقەملەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تەربىيەگە ئىگە قىلىش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش كېرەك. زامانىۋى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، قەدىمكى ئەسەرلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەۋى ئىدىيە، ئادىمىيەت روھى، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىلىم بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلىم ھۆججەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، توپلاش، بىرىكتۈرۈش، تەھرىرلەش، كېڭەيتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم بايلىقى ئۇچۇر سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئەسىر سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كېلىپ، جۇڭگو خەلق داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ دۇڭگاڭ، «خەلق مائارىپچىسى» دېگەن دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكەن گاۋ مىڭشۈەن، ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ فېڭ، ئاخبارات شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى جۇ شياۋخۇي،  پەلسەپە شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ خەيرۇڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ  تارىخى، مەدەنىيىتى، دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگىچە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇشتا باشقىلارنىڭ كەينىدىن قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىك، ئاددىيلا چەت ئەل داشۆلىرىنى ئۆلچەم ۋە ئەندىزە قىلىۋالماسلىق، بەلكى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. جۇڭگو خەلق داشۆسى شىمالىي شەنشى ھۆكۈمەت مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا «ئىنقىلابنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى» يېتىشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە «دۆلەت قۇرغۇچى تۈمەنلىگەن كادىرلار»نى يېتىشتۈرۈشنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرىدە «خەلق ئۈلگىلىرى، جەمئىيەت تايانچلىرى» يېتىشتۈرۈشنى، يېڭى دەۋردە «گۈللىنىش تايانچلىرى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاۋانگارتلىرى»نى يېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانغا قەدەر، «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش» مەقسىتى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەي، «پارتىيە قۇرغان ئالىي مەكتەپلەر پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىش، خەلقنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق» دېگەن روھى پەزىلەتنى نامايان قىلدى.جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى خەلق داشۆسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بەش چوڭ قوشۇن ئىچىدىكى  مۇھىم بىر كۈچ. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، بۇنىڭ ئۈچۈن «دۇنياغا نېمە بولدى»، «ئىنسانلار قايسى تەرەپكە قاراپ مېڭىشى كېرەك» دېگەن دەۋر سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتكە ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە قارىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا بىلىم سىستېمىسى بەرپا قىلىش دېمەكتۇر. جۇڭگوغا، دەۋرگە نەزەر سېلىپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، جۇڭگو مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىنى، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن ئورمانلىقىدا ھەقىقىي قەد كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، ئىدىيەسى ھەقىقىي، بىلىمى مول، ئەخلاق-پەزىلىتى دۇرۇس بولۇشى، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى ئىلمىي ۋەزىپە، جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو قائىدىسىنى نامايان قىلىشنى ئىدىيەۋى ئىنتىلىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە، تۈپ خاراكتېرىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاچقۇچلۇق چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتا ھەقىقىي قابىلىيىتىنى كۆرسىتىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن چەت ئەل مەدەنىيىتىنى يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو نەزەرىيەسى، جۇڭگو ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆزى ئالدى بىلەن شۇنداق ئادەم بولۇشى كېرەك. سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش-ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەم كەسپىي بىلىمگە پىششىق بولۇپ، ياخشى ئىلىم ئەھلى بولۇش، ھەم ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، «ئۇستاز»غا ئايلىنىپ، تىرىشىپ «تەلىم-تەربىيە بېرىش، بىلىم ئۆگىتىش، بىلمىگەننى چۈشەندۈرۈش»كە ماھىر «ئىلىم ئەھلى» ۋە «ئۇستاز»نىڭ بىرىكمىسى بولۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. مائارىپ «شەپقەتلىك ۋە مۇھەببەتلىك» كەسىپ، مېھرى-مۇھەببەت بولغاندىلا مەسئۇلىيەت بولىدۇ. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، بىلىمى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىپ، ئىللىقلىقى ۋە مېھرىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش، ھەر بىر بالىنى كىشىلىك تۇرمۇشىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلاردا سۆز-ھەرىكەتتە ئۈلگە بولۇش ئاڭلىقلىقى بولۇشى، ئەخلاق ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئىش قىلىش، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى چوڭ ئۇستازى بولۇپ، جەمئىيەتتە ھۆرمەت قىلىنىدىغان ئۈلگىگە، كىشىلەر ئۆگىنىدىغان ئۈلگىگە ئايلىنىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قاراتقاندا، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى-قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش كېرەك، دېگەن بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ. ياشلارنىڭ ۋەتەن زېمىنىنى ئۆز قەدىمى بىلەن كېزىپ، جۇڭگو روھىنى ئۆز كۆزى بىلەن بايقاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋرنىڭ تومۇرىنى قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ، ۋەتەنگە بولغان قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغان ھېسسىياتىنى ئوقۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، كەسپىي ئىنتىلىشكە سىڭدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياشلارنىڭ پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، گۈزەل ياشلىقىنىڭ، دەۋرنىڭ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن! شى جىنپىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىدىن ھال سورىدى، بىرلىكتە «ياشلىقىمىزنى پارتىيەگە بېغىشلاپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز»، «گۈللەندۈرۈش تايانچلىرى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمىز» دەپ توۋلىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، مەكتەپتە ئالقىش سادالىرى، شادلىق سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈردى

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە