ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى يىغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-28 18:46

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەمدە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى  

تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ. ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئامما ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھازىرقى دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىپ، تېخنىكا ماھارىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر كەسپىي ئىشچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە سۆز قىلدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، «ماھارەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش» يىغىننىڭ باش تېمىسى بولدى، تور ئىچى-سىرتىدا چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋەكىللىكىدىكى  ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى يىغىنىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى