ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-05 09:37

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە،  مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كەڭ زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلار ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، كەڭ زىيالىيلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىمىز. 

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭ مۇنداق دېدى: بىز تېخىمۇ قەتئىي ھالدا توغرا يولىمىزدا مېڭىشىمىز، توغرا ئىشىمىزنى قىلىشىمىز، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەرياندا، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ ئىدىيە ئاساسى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. 

ج ك پ شەندۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى لىن شۆچى مۇنداق دېدى: «ئىككىنى تىكلەش»تە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، يادرونى سۆيۈش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادروغا ئەگىشىش ئاڭلىقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئاسانلا، داقا-دۇمباق چېلىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قىلىپ، تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىش كېرەك. ياش ئوقۇغۇچىلار: يېڭى مۇساپىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز، دېدى.

يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى شياۋ رۈي فۇجيەندە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ياڭفەن پىلانى» پىراكتىكىسىغا قاتناشتى.شياۋ رۈي مۇنداق دېدى: باش شۇجى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشنى تىلغا ئالدى. بىز مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىمىز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت دەرسخانىسىدا تەربىيە ئېلىپ، قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تۆھپە قوشۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. 

بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىدىن دوكتور جاڭ يۆ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، بەدەل تۆلەشكە جۈرئەت قىلىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز. 

پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆز ساھەمىزدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيمىز. ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 5-تەتقىقات يۇرتى بوشلۇق پونكىتى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى  بەي لىنخوۋ مۇنداق دېدى: بىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى داۋاملىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىمىزدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگونىڭ بوشلۇق پونكىتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى قۇرۇپ، كېيىنكى يۈرۈشتۈرۈش ۋەزىپىلىرىنى ياخشى تاماملاپ، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز. خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي ۋېنشىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۇرۇقچىلىق پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇرۇقچىلىق پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئېغىر ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۆھپە قوشىمىز.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى