ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 09:34

شى جىنپىڭ 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچكە تولغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا-ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پائال ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق-سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئەينەك قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاسىيا-ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى، «تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش»-كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، كۆرگەزمىنى سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

  تەرجىمان:ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.