ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-12-05 19:08

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى

پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيلۇق ئاجايىپ رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3-ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈشكە بىللە باردى. خۇ جىنتاۋمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى.
     جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىنىڭ ۋىدالىشىش زالى سۈكۈناتقا تولغان ئىدى.
     ئاپئاق گۈللەر، قارا خەتلىك تەزىيەنامىلەر كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.
     ۋىدالىشىش زالىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قارا تەگلىك، ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىگە يولداش جياڭ زېمىننىڭ چوڭ رەڭلىك سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل بايرىقى يېپىلغانىدى. تۆت ھۆرمەت قاراۋۇلى قوراللىق سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئىككى تەرەپتە قوغداپ تۇراتتى. يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى ئالدىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ تەقدىم قىلغان گۈل سېۋىتى قويۇلغان بولۇپ، گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىسىغا: «سىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى. ۋىدالىشىش ئۆيىگە شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسى تەقدىم قىلغان گۈل چەمبىرەكلەر قويۇلغانىدى.
     چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، ماتەم مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار مەيدىسىگە ئاق گۈل، بىلىكىگە قارا يەڭلىك تاقاپ، ئاستا قەدەم بىلەن ۋىدالىشىش زالىغا كېلىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى ئالدىدا سۈكۈتتە تۇردى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈردى ۋە چوڭقۇر ياد ئەتتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ رەپىقىسى ۋاڭ يېپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
     سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، سەككىز ھۆرمەت قاراۋۇلى جەسەت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، ماتەم مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا ۋىدالىشىش زالىدىن چىقتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مېيىت ماشىنىسىغا ئۇزىتىپ قويدى.
     سائەت 10 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، دەپنە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە، مېيىت ماشىنىسى باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئاستا يۈرۈپ كەتتى. مېيىت ماشىنىسى قوزغالغاندا، ئۇزاتقىلى بارغان يولداشلار قايغۇلۇق ھالدا سۈكۈتتە تۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ مېيىت ماشىنىسىنى ھۆرمەت نەزىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويدى.
     ئۇزۇن كوچا سۈكۈتكە تولدى، ھەممە كىشى قايغۇغا چۆمدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىدىن باباۋشەنگىچە، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، قەدىردان يولداش جياڭ زېمىن بىلەن ۋىدالىشىپ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.
     چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مېيىت ماشىنىسى باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا يېتىپ باردى. چوڭ زالدا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يولداش جياڭ زېمىن بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالاشتى. 12-ئاينىڭ 5-كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويغانلاردىن يەنە: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى قاتارلىقلار بار.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى

شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ يولداش جياڭ زېمىننى ئۇزىتىپ قويدى