ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كونا مەھەللىدىكى يېڭى تۇرمۇش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 11:00

پۇقرالارنىڭ غەم-ئەندىشىسى، باش قېتىنچىلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەڭگۈ كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان چوڭ ئىش. باش شۇجى ھەر قېتىم يەرلىككە تەكشۈرۈشكە بارغاندا، مەھەللە ۋە ئائىلىلەرگە كىرىدۇ. بۇلتۇر 8-ئايدا، باش شۇجى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى مودەن مەھەللىسىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، «ياشانغانلار، بالىلار»غا مۇلازىمەت  قىلىش قاتارلىق پۇقرالار ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى. باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقى مەھەللىدىكى پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، شۇ جايدىكى كادىرلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى. توشقان يىلىدىكى چاغان ھارپىسىدا مۇخبىر مودەن مەھەللىسىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، كونا مەھەللىدىكى يېڭى تۇرمۇش ۋە بەخت يىلىنى خاتىرىلىدى.

مودەن مەھەللىسى ئەتىگەندىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. بەخت مەيدانىدا، مەھەللە ئاھالىلىرى ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناپ، چاغاننى كۈتۈۋالدى. مەھەللىدىكى چاغانلىق ماللار بازىرىدا تاۋارلار كۆزنىڭ يېغىنى يەيتتى. مەھەللە ئاھالىسى لى شۈي ئۆزى تەييارلىغان مەسنەۋىنى ئېلىپ چاغانلىق مەسنەۋى يېزىش نەق مەيدانىغا كەلدى.

چاغانلىق مەسنەۋىلەر ۋە قىپقىزىل «بەخت» خەتلىرى ئاھالىلەرنىڭ چاغانغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى، چاغانلىق مەسنەۋىلەر يېزىلىپ بولدى، چاغانلىق ماللارمۇ بالدۇرلا تەييار بولدى.

بۇلتۇر 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مودەن مەھەللىسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە لى شۈينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئاشخانا، ھاجەتخانا، ياتاق ئۆي قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى لى شۈينىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ھازىرغىچە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى مەھەللە شۇجىسى ۋاڭ خۇينىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، باش شۇجى مۇنداق دېدى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، جۇڭگو ئارزۇسى تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا پۇقرالارنىڭ «بەخت ئارزۇسى». كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى مەركەز قىلىپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئىمكانقەدەر ياخشىلاش كېرەك. سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ ئارقىسىدا خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بار، بۇلتۇر مۇدەن مەھەللىسى ئالدىنقى باسقۇچلۇق كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا، «كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇش» پىلانىنى تۈزۈپ، كابېل ئۇلاش، ئېنېرگىيە تېجەش، يول ياساش ۋە يېشىللىق بەرپا قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىگە يېڭىدىن يول چىرىغى ئالماشتۇرۇپ، مەھەللىدە يېڭىدىن بىر كىچىك مەيدان كۆپەيتتى. بۇ يىل قىشتا ئاھالىلەر بىنالىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى قوشۇلدى.

مودەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى تاڭ جېڭيۈەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى، ئۇ ئاپپارات ئارقىلىق مەھەللىدىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ.

 ئۇ مۇنداق دېدى: مەھەللە بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتىدۇ، ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ، كۈچىيىۋاتىدۇ، قاراڭ، ئۇ كىشىلەر بەك خۇشال، مەن بەك خۇش بولدۇم، بۇ خىل خۇشاللىق چىن قەلبىمدىن ئۇرغۇپ چىققان، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىم تولۇپ تاشتى.

مودەن مەھەللىسىدە ياشانغانلار كۆپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەھەللە ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، كۈتۈنۈش ئاشخانىسى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيى، مۇنچا قاتارلىقلارنى سەپلەپ، ياشانغانلارنى كەسپىي ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ۋاڭ يۇڭلىن بىلەن ئايالى 80 ياشتىن ئاشقان، ئادەتتە بىر تېلېفون بىلەنلا مەھەللىدىكى ياشانغانلارنى كۈتۈش مەركىزى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەتكۈزۈپ، تازىلىق قىلىپ بېرىدۇ. بۇلتۇر 8-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مودەن مەھەللىسىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، ياشانغانلار ئاشخانىسىغا مەخسۇس بېرىپ، تاماق يەۋاتقان ياشانغانلاردىن تاماق باھاسىنىڭ قىممەت ياكى ئەمەسلىكى، مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكى، تۇرمۇشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلىرى بارلىقىنى سورىدى.

ۋاڭ يۇڭلىن مۇنداق دېدى: بىز ياشانغانلار ئاشخانىسىدا تاماق يەۋاتقاندا، باش شۇجى بىلەن يېقىن ئولتۇردۇق، ئۇ بۇ قورۇمىنىڭ باھاسى قانداق دەپ سورىدى، مەن 80 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەر بىر ۋاقلىقىغا ئاران سەككىز يۈەن ئېلىنىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىم، ئۇ، بۇ قورداق بەك ئوخشاپتۇ، مەنمۇ ئېتەلەيمەن، سىلەرنىڭكىدەك يېيىشلىك بولۇشى ناتايىن، دېدى، باش شۇجى ياشانغانلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىگە ئاممىنى پۈكۈپ ئاممىنىڭ غېمىنى يەيدۇ.

چوڭلار چاغانغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قىشلىق تەتىلدە مەھەللىدىكى بەخت تەربىيەسى دەرسخانىسىمۇ ئېچىلدى، بالىلار بۇ يەرگە يىغىلىپ رەسىملىك كىتاب ئوقۇدى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئۆگەندى.

مودەن مەھەللىسى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، تور ۋە تور سىرتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، مەھەللە پارتكومىنى يادرو قىلىپ، سۇ، توك، گاز، ئىسسىقلىق قاتارلىق كاپالەت كارخانىلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تارماقلىرىنى دائىرىگە كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. يېڭى بىر يىلدا مودەن مەھەللىسى داۋاملىق ئۆزگەرتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى داۋاملىق ئاشۇرۇلىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كونا مەھەللىدىكى يېڭى تۇرمۇش

پۇقرالارنىڭ غەم-ئەندىشىسى، باش قېتىنچىلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەڭگۈ كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان چوڭ ئىش.