ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 14:12

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش--ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرغىلى، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك بوران-چاپقۇن، دەھشەتلىك دولقۇنلار ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى، رىقابەت كۈچى، تەرەققىيات كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنىڭ توختاپ قالماسلىقى، ھەتتا ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى ھەم خىزمەت تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، يولداش يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، چېن جىنىڭ، خۇاڭ كۈنمىڭ مەسئۇل ساھە ۋە يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى، كۆپچىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بەزى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى، خىزمەت ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، سىياسەت-تۈزۈملەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، لېكىن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. مەسىلە يۆنىلىشى ۋە سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ،  ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېھتىياج تەمىنلەشنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنلەش ئېھتىياجنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، كىرىم تىرىكىگە ئىگە ئىستېمال ئېھتىياجى، مۇۋاپىق نەپكە ئېرىشىدىغان مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى، دەسمايە ۋە قەرز چەكلىمىسىگە ئىگە پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىش، ئىستېمال قىلالايدىغان قىلىش، غەم-ئەندىشىسىز دادىل ئىستېمال قىلىدىغان قىلىش، ئىستېمال مۇھىتى ياخشى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئىستېمال قىلىشنى خالايدىغان قىلىش كېرەك. مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇۋاپىق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇلار،  ئاجىزلىقلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق ھازىرقى ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياجنى يارىتىش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، چەت ئەللەر گېلىمىزنى بوغۇۋاتغان يادرولۇق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭىچە دۆلەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەپ، ئېلىمىزنى مۇھىم پەن-تېخنىكا ساھەسىدە دۇنياۋى باشلامچىغا، ئالدىنقى قاتاردىكى گىرەلىشىپ كەتكەن ساھەلەردە يول ئاچقۇچىغا ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ بالدۇرراق دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەتنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش؛ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىپ يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر بىرىكىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى ئاساس قىلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك ئۇلىنىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇشىغا موھتاج. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى داۋاملىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئاجىز كەسىپلەر زەنجىرىنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپلەر زەنجىرىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سىجىللىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ دۇنياۋى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قوللاپ، ئىچكى- تاشقى كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەر-يېزا، رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىستېمال بازىرى ۋە ئامىل بازىرى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىقتىساد ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا كىچىك ئايلىنىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايون توسۇقىنى تۈگىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەت، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قائىدە، قائىدە-تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشتىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد سودا قائىدە سۆھبىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك، مۇقىم دۇنيا ئىقتىساد تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئايلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى