شى جىنپىڭ پوۋدېلنىڭ نېپال زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى پوۋدېلغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ نېپال زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. 1955-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر تىنچ بىللە ئۆتۈش، دوستانە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ پوۋدېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت