ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-30 15:32

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆزلەپ چىقارغان  زور تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتتى. خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇشى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

ئېلىمىزنىڭ 2-ۋادا قانۇنى بولغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى» 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرى خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى.

يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسى «خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئانا دەريانى قوغداش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى ھەمدە «ئۆتكۈر شەمشەر 2023» خېنەن خۇاڭخې دەرياسى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ۋېيخې دەرياسى گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بىرىنچى چوڭ تارماق ئېقىنى. خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، «شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋېيخې دەرياسىنى قوغداش نىزامى»مۇ ماس قەدەمدە يولغا قويۇلىدۇ. ۋادىنى قوغداشقا دائىر قانۇن چىقىرىش ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ مۇھىم  نۇقتىسى  قوغداش ۋە تۈزەشتە. 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ دەرياغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى تەكشۈرۈپ تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىدى. گەنسۇ ئۆلكىسى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرغىچە بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى تۈزەپ بولدى. بەييىن شەھىرىدە، شۇ جاي دەرياغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، «بىر ئېغىزغا بىر تەدبىر قوللىنىش» تەلىپى بويىچە، تۈرگە ئايرىپ تۈزەش تەدبىرىنى تۈزدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى رايونلاردىكى دەريا، كۆللەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى غول ئېقىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان توققۇز شەھەر، 18 ناھىيەدە ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىمزالاپ، ناھىيەلەر ئارا توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېنەن ئۆلكىسى بىلەن خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى (خېنەن-شەندۇڭ بۆلىكى)نىڭ توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۆلكىلەر ئارا توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل دائىرىسىدىكى بۆلىكى 843.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ خۇاڭخې دەرياسى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئېكولوگىيە توسۇقىنى ياخشى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىچكى موڭغۇل ئېكولوگىيەلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. خېتاۋ سۇغىرىش رايونىغا جايلاشقان باياننۇر شەھىرى 2022-يىلى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ تېمىتىپ سۇغىرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىدىن 16نى يولغا قويۇپ، ئېتىز-ئېرىقلاردا 90 مىليون كۇب مېتىر سۇ تېجەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنىدا ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. 

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرەيلى

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك