ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيى سەنئەتكارلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-23 16:00

شى جىنپىڭ جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىغىپ ساقلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پايدىلىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ھەتتا دۇنياۋى سەنئەت سارىيىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى قۇرۇلغان ۋە ئېچىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى پەيتىدە، سارايدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى يېڭى جۇڭگونىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك گۇۋاھ بولۇپ، نادىر ئەسەرلەرنى ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، ئاممىۋى مائارىپ، تاشقى ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ساراي باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىغىپ ساقلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پايدىلىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك، ھەتتا دۇنياۋى سەنئەت سارىيىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ گۈزەل-سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيى، 1963-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلگەن. گۈزەل-سەنئەت سارىيى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، جەمئىي 5500 مەيداندىن ئارتۇق تەسىر كۈچىگە ئىگە گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ تۈرلۈك گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىدىن 130 مىڭدىن ئارتۇقى يىغىپ ساقلانغان. يېقىندا، جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيىدىكى 13 پېشقەدەم مۇتەخەسسىس، پېشقەدەم سەنئەتكار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل-سەنئەت سارىيى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گۈزەل-سەنئەت سارىيى سەنئەتكارلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

شى جىنپىڭ جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، سەنئەتكارلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىغىپ ساقلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پايدىلىنىش، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ھەتتا دۇنياۋى سەنئەت سارىيىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى