ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-28 13:57

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىللىق جۇڭگۈەنسۈن مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىللىق جۇڭگۈەنسۈن مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى مۇنبەرگە قاتناشقان ئەربابلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە چەتئەللەرنىڭ 200 گە يېقىن ھۆكۈمەت تارمىقى، خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئاپپارات قاتناشتى، 120 گە يېقىن داڭلىق مۇتەخەسسىس يۇقىرى سەۋىيەلىك باش مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى مۇنبەرگە قاتناشقان مېھمانلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ بو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگۈەنسۈن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بىزنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. ئىلگىرى بىزنى خەلقئارا ھەمكارلىقتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر دېيىشكە بولاتتى، كەلگۈسىدە بىز خەلقئارادىكى كەسىپداشلار بىلەن داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق مۇھىتى يارىتىپ، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىدىن ئىنسانىيەتكە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە قاتناشقان دېڭ جىخۇا مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدىم. نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن مەسىلە ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالىملارنىڭ تېخىمۇ زور تۆھپىسىنى قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانلار ئورتاق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا مۇھتاج. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكى، جۇڭگونىڭ كەڭ كۆكسى-قارنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

خەلقئارا ئىختىساسلىقلار تەشكىلاتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دەننىس سىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە مەن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغان بىر قىسىم بايانلار تىلغا ئېلىندى، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تولۇق كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز جۇڭگونىڭ پۈتكۈل خەلقئارا پەن تەتقىقات سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلانغانلىقى، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ يەر شارى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

ئېلېكتىرو ئېلېكتىرون ئىنژېنېرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەيىف رامان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەسىلىسىنى ناھايىتى چۈشىنىدۇ ھەم مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك، مەن قايتقاندىن كېيىن خىزمەتداشلىرىم ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمغا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا پىلانلىق ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىمەن.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زېڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەبرىك خېتىدە، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرى يەر شارىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىسى، ئەڭ يۇقىرى ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى مۇشۇنداق بىر سۇپا بىلەن تەمىنلەپ، ئالىملار، ھۆكۈمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرنى ھەمكارلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى، سەرخىل، ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. بېيجىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشنى تېزلىتىدۇ.

جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، پەن-تېخنىكا ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ 6G ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يېڭى تۆھپە قوشۇش نۇقتىسىنى يارىتىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خېشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگۈەنسۈننىڭ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشى ۋە پايتەختنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.

بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شيۇلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئاقىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق يۇقىرى، سەرخىل، ئىلغار كەسىپ ساھەلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى، گىرەلەشمە تەتقىقات سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى سۇبيېكت قىلغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىللىق جۇڭگۈەنسۈن مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى