ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 08:40

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە جياڭسۇنىڭ يەنچېڭدا خىزمەت تەكشۈردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى خەلقئارا ئىقتىساد مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سودا مەركىزى، سۇ تىرانسپورت مەركىزى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنى تۈرتكە، شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كاپالەت قىلىپ، دادىل يول ئېچىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ ۋە شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تۈرى قاتارلىقلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپلا شاڭخەي زاكاز مال بېرژىسىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان مۇھىم تۈرلەر ھېساب ئۈزۈش مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بېرژىنىڭ يەر شارى بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، بېرژىنىڭ كۈندىلىك مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە ھېساب ئۈزۈش، راسچوت قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەينىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش نىشانى توغرا، قەدىمى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق، شاڭخەي زاكاز مال بېرژىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بېرژا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زاكاز مالنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە كەسىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ پۇدۇڭ يېڭى رايونى جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىگە بېرىپ، شاڭخەي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ ۋىدىيو قىسقا فىلىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ ئۇل تەتقىقات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆردى ھەم پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شاڭخەي بۇ جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى تېزلىتىشى؛ زور بىر تۈركۈم كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شاڭخەيگە كەلگەن نۇرغۇن يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشلەمچىلەرنى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مىنخاڭ رايونىدىكى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرۇلۇشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلار ئائىلىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ يەرلىكنىڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي غەملەش، قۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، «بىر كارىۋات، بىر ھۇجرا، بىر يۈرۈش ئۆي»دىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق ئىجارە ئۆي تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەھەللىدىكى تۇرالغۇ ئۆي تىپىدىكى، ياتاق تىپىدىكى ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئاممىۋى ئاشخانا، ئاممىۋى كىر يۇيۇش ئۆيى قاتارلىق ھەمبەھرە بوشلۇقىغا كىرىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان شەھەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ئايرىلىدىغان چاغدا، مەھەللە ئاھالىلىرى بەس-بەستە كېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر تەرەپتىن كەلگەن قۇرۇلۇشچىلارنىڭ بۇ يەردە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. شەھەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىللىقلىققا ئىگە قىلىش كېرەك، بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشى لازىم، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شاڭخەيگە تۆھپە قوشسا، ئوخشاشلا شەھەرنىڭ ئىگىلىرى بولىدۇ، خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ شەھەرگە كىرىشى، تۇرۇپ قېلىشى، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شاڭخەينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەيگە تاپشۇرغان مۇھىم بۇرچ. شاڭخەي بۇنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىلغار كەسىپ توپىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىساد مەركىزىلىك ئورنى ۋە يەر شارى ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى؛ زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى؛ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سۇ تىرانسپورت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، سۇ تىرانسپورت بايلىقىنى يەر شارى بويىچە تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشى؛ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە دۇنياغا چوڭقۇر تۇتاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىجادىي ئىسلاھات، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنگاڭ  يېڭى بۆلەك رايونىدا سىناقنى ئالدى بىلەن باشلاپ، قائىدە، قائىدە-تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش چوڭ سۇپىلىرىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە سىياسەت ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بايلىققا بولغان جەلپكارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شەھەر پىلانلاش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەۋرىشىم، بىخەتەر شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىدا تىرىشىپ مېڭىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە كىشى تۆھپە قوشىدىغان، ھەممە كىشى ھەمبەھرىلىنىدىغان شەھەرنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش ۋە روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. شەھەر مەدەنىيىتى تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كىتاب خۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا تۈپ كاپالىتى. شاڭخەي پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن جاي، پارتىيە 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى«ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەپەككۇرى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى جازالاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاش كېرەك. 2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى كېچىكتۈرمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ  12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شىن چاڭشىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى شۈ كۈنلىننىڭ ھەمراھلىقىدا يەنچېڭ شەھىرىگە بېرىپ، يېڭى 4-ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە زالىدىكى سۈرەتلەر، تارىخىي ماتېرىياللار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تەقلىدىي ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەردە يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە بارلىققا كېلىش، قان كېچىپ كۈرەش قىلىشتەك شانلىق تارىخى تولۇق نامايان قىلىنغان. شى جىنپىڭ پات-پات توختاپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەل رايىنىڭ مايىللىقى تارىخنىڭ تاللىشىنى بەلگىلەيدۇ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. بۇ ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك، بۇ دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى قىيىنچىلىقتىن، جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەردىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، دادىل غەلىبە قىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمراھ بولدى ۋە يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 5-سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا، ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈردى

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى،