ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 09:30

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-مارت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان پەيتتە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى-دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى ياكى قارىلىشى-ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىر-بىرى ئۈچۈن پۇرسەت. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ھەمراھ دەپ قاراپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالسىلا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىدۇ. بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخى-ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى، ئىلگىرى خەلققە تايىنىپ يېزىپ چىقىلغان، كەلگۈسىدە خەلققە تېخىمۇ تايىنىپ يارىتىلىدۇ. جۇڭگودا «ياخشى ئىشنى ئۆگىنىش بەك تەس، يامان ئىشنى ئۆگىنىش بەك ئاسان» دېگەن ماقال بار. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە ئەربابلىرىنىڭ كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي بەخت ئېلىپ كېلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بىرمۇ-بىر ئىنكاس قايتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل. بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى داۋاملىق %30 تىن ئاشتى، بۇنى جۇڭگو خەلقى ۋۇجۇدۇقا چىقاردى شۇنداقلا بۇ خەلقئارا ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى، ئىلگىرى «جۇڭگو بەربات بولدى دېگەن سەپسەتە» سەۋەبلىك بەربات بولمىغان، ھازىرمۇ «جۇڭگو يۇقىرى چەككە يەتتى دېگەن سەپسەتە» سەۋەبلىك يۇقىرى چەككە يېتىپ قالمايدۇ. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم جۇڭگو خەلقىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز ھەم دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، بىزدە مۇشۇنداق جاسارەت ۋە ئىشەنچ بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر دەپ كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدىم. جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىشى توختاپ قالمايدۇ. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر يۈرۈش زور تەدبىرلەرنى پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىۋاتىمىز. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىپ، باراۋەر كېڭىشىپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىقتىساد-سودىدا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەڭ پايدا ئېلىشى ۋە دۇنيانىڭ تەڭ پايدا ئېلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. بىز ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ ئىقتىساد-سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى، داۋاملىق جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ، جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگودا پايدا ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى ھەم كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭدىكى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۆتمۈشكە قايتالمايدۇ، لېكىن تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇلتۇر مەن زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن سان-فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش ھەققىدە ئەڭ چوڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدا، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپى زۇڭتۇڭ بايدىن بىلەن ئىككىمىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى چۆرىدەپ، سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد-سودا، مالىيە-پۇل مۇئامىلە، قانۇن ئىجرا قىلىش، زەھەر چەكلەش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ساھەلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئازايماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيدى. مەيلى ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەر بولسۇن ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەر بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشى، بىر-بىرىگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، چوڭ دۆلەتلىك كۆكسى-قارنىنى نامايان قىلىپ، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشىغا موھتاج. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئوخشاش نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇش تۇرغۇزۇپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى گرېنبېرگ، بىلەكسىتون گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شىۋارىزمان، كۇئالكوم شىركىتىنىڭ لىدىرى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئامون، خارۋارد داشۆسى كېننىدى ھۆكۈمەت شۆيۈەنىنىڭ قۇرغۇچى مۇدىرى ئالىسون، ئامېرىكا-جۇڭگو سودا مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئاللېن قاتارلىق ئامېرىكا ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادنى قالتىس ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقى ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بىز جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. قۇدرەتلىك، گۈللەنگەن جۇڭگو-دۇنيادىكى ئاكتىپ كۈچ. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ئىككى دۆلەت تىنچلىقتا بىللە تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. «تۇسىدىدې تۇزىقى» مۇقەررەر ئەمەس. ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ يېقىنقى مەزگىلدە چىقارغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، جۇڭگودا قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بايدىن بۇلتۇر 11-ئايدا سان-فىرانسىسكودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھەسى ۋە دۇنيانىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان كۆزلىمىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، مول ئۈنۈملۈك بولغان ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.