ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-15 11:14

15-ئاپرېل 9-ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى-مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، جەمئىيەت مۇقىملىقى-دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ تەكىتلىدى. 10 يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

يېقىندا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى ئاشكارىلىدى. چېڭ فامىلىلىك ئېلىمىزنىڭ سىرەك يەر كەسپىدىكى مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق خادىم ئىدى، ئۇ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، خىزمەتتە ئىگىلىگەن مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى چېگرا سىرتىدىكى شىركەت خادىملىرىغا يوللاپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ساقچىسى مۇنداق دېدى: گەرچە چېڭ فامىلىلىك كۆپ قېتىم دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئېڭى كۈچلۈك بولمىغان، ئۇ چېگرا سىرتىدىكىلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ئۆزىگە قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇنداق دېلولار ئېلىمىزنىڭ بايلىق، ئاشلىق، تور، سۈنئىي ئەقىل، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلىرىدە ئارىلاپ يۈز بېرىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى.

2015-يىلى 15-ئاپرېل، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارقاقلىقتىن مەركەزلەشتۈرۈشكە، ئاستا بولۇشتىن يۇقىرى ئۈنۈمگە، پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشتەك تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى فۇ شياۋچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ئاچقۇچى «ئومۇمىي بولۇش»تا، «چوڭ خەۋپسىزلىك» ئىدىيەسىنى تەكىتلەش-سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، دۆلەت زېمىنى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تور، بىيو قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ. «ئومۇمىي بولۇش»-سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىكىلىق بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى كۆپ خىل دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئامىللىرىنى كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلەشكەن ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە ئىچىگە قويۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، مۈشكۈللۈك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2019-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، زور خىيىم-خەتەرنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇرەككەپ، سەزگۈر ئەتراپ مۇھىتى، مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز؛ ھەم «قارىقۇ» ۋەقەسىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشىمىز، ھەم «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز؛ ھەم خىيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قالتىس تەدبىرگە ئىگە بولۇشىمىز، ھەم خىيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان ياخشى چارىگە ئىگە بولۇشىمىز؛ ھەم خىيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، ھەم خىيىم-خەتەرنى بىخەتەرلىككە، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز شەرت.

بۇ يىل 19-مارت، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش نىزامى»نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى، بۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇننىڭ 23-ماددىسىنى چىقىرىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقى، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە جەھەتتە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى مەكتەپلەردىن مەكتەپتە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقىي تەربىيەسى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھەرلىك 45-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى لى كېنۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا بېرىپ «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىش» ناملىق قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې مىڭ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى ساۋاتلىرىنى كۈندىلىك مائارىپ ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈرىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرىمىز.

10 يىلدىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەشۋىقىي تەربىيەسىنى ئورگان، مەكتەپ، كارخانا، يېزا-كەنت، مەھەللە، گازارما، تورغا كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، چوڭ خەۋپسىزلىك ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىندى

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىندى