ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرايلى»ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 10:59

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى 8-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى ئاۋغۇستتىن 2023-يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالماي، ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى ياراتتى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە قان تومۇرى يۈكلەنگەن، ئۇ قايتا ھاسىل بولمايدىغان، تەڭداشسىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك بايلىقى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممىتىنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى، تارىخنى، مەدەنىيەتنى  جانلاندۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، ئوردا-سارايلاردا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىندىكى مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا مەدەت بېرىش ۋە ئۇنى يۆلەشنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىرادىسى، غەيرىتى، جاسارىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۇنيا مول، رەڭدار مەدەنىيلىكتىن تەركىب تاپقان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئەزەلدىن ئوخشىمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتنى تەرىپلەپ كەلگەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت كۈچى ئاتا قىلىش كېرەك.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرايلى»ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى 8-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.