ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 09:02

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ  تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېزلىشىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر، خىرىس كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چوڭ دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى 2-، 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ، ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنياغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە يىراق كەلگۈسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، بىر-بىرىگە خەۋپسىزلىك تەھدىتى شەكىللەندۈرمەيدۇ. جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپكە، دۇنياغا پايدىلىق. دۇنيادا قانچە داۋالغۇش بولغانسېرى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى شۇنچە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىي رىتىمى ۋە تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئورۇننى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە قاراتقان سىياسىتى يۈكسەك مۇقىملىق ۋە باغلىنىشچانلىقنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق كەڭ قورساقلىق بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرسىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋاملىق مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى چوڭقۇر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت بازىرى يۈكسەك دەرىجىدە بىر-بىرىگە تايىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى «خەۋپ خەتەر» ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ پۇرسىتى. مەيلى ماشىنىسازلىق، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردە بولسۇن ياكى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈش، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق  گۈللەنمە ساھەلەردە بولسۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى جىددىي قېزىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك روشەن ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى  كېرەك. جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىپ،  دۇنيا تەمىناتىنى بېيىتىپ، دۇنيا پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە سودا-سانائەتنى ئاساس قىلغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئەركىن سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇپ، بازار نەزىرى ۋە دۇنياۋى نەزەر بىلەن، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ، دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىشى كېرەك. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئادىل، ئاشكارا، ئوچۇق، كەمسىتىش بولمىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئورتاق تەرەپلىرى بار. كۆپ قۇتۇپلىشىش ماھىيەتتە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان يولدىكى دۆلەتلەر ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كىلىمات ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات تەڭپۇڭسىزلىقى، رايون توقۇنۇشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شۇلز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى قويۇق. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېڭىشىشى ھەمدە ئىستراتېگىيە، مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى. ئۆتكەن ئىككى كۈندە، مەن ۋە گېرمانىيە كارخانا ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى چۇڭچىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، گېرمانىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت كارخانا ساھەسىنىڭ زىچ، ياخشى ھەمكارلىقى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، بۇ گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو شۇنداقلا دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، قارشىلىشىشنى قوللىمايدۇ. گېرمانىيە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ. گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، يادرو قورالى ئىشلىتىش ياكى تىنچلىق يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، توقۇنۇشنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشى ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچلىقنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىك كېرەك. ئىككىنچى، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىق كېرەك. ئۈچىنچى، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. تۆتىنچى، توقۇنۇشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەك. جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئالاقىدار تەرەپ، قاتناشقۇچى تەرەپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق يارىشىش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر باراۋەر قاتنىشىدىغان، بارلىق تىنچلىق لايىھەسىنى ئادىل مۇزاكىرە قىلىدىغان خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىشنى قوللايدۇ، بۇ ھەقتە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2728-نومۇرلۇق قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، غەززە رايونىدا توسالغۇسىز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا بالدۇرراق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللاپ، تەسىر كۈچى بار دۆلەتلەرنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شۇلز بىلەن بىللە سەيلە قىلدى ھەمدە چۈشلۈك تاماقتا بىللە بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك قارالمىلار توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت   ئىمىنجان ئىسمائىل

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شۇلز بىلەن كۆرۈشتى.