ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا كۈچ قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 10:45

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز شەرت. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، بۇلتۇر 4-پەسىلدىكىدىن 2.6 پوئېنت ئاشقان. ئېلىمىزدە گۈللەنمە كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى ئېچىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى شېندۇڭ كۆمۈرچىلىكى داليۇتا كۆمۈر كېنىنىڭ ئازادە، يورۇق يەر يۈزى كونترول ئۆيىدە، ئۇنىۋېرسال قېزىش 6-ئەترىتىنىڭ كۆمۈر قېزىش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ۋاڭ خەيپىڭ ھەيدەش بۆلمسىدە مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، قۇدۇق ئاستىدىكى ئايلانما كۆمۈر ماشىنىسىنىڭ ئايلىنىش يولىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. ۋاڭ خەيپىڭ مۇنداق دېدى: قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتىنىڭ سىجىللىقى ناھايىتى يۇقىرى، بۇ ئەقلىيلەشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ھازىر قۇدۇققا چۈشمەيدىغان، يەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپلا كۆمۈر ئالالايدىغان بولدۇق.

يېڭى سىستېما شېندۇڭ كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا ئاچقان كۆمۈر كان «بىر كۆزنەكلىك» ئەقلىي يىراقتىن كونترول قىلىش سۇپىسى، يۈرۈشلەشكەن «ئەقلىي چوڭ مېڭە» سانلىق مەلۇمات توپلاش سۇپىسى بولۇپ، ھەر كۈنى 62 خىل تەدبىر بەلگىلەش مۇلازىمىتى، 22 مىليون قېتىم سانلىق مەلۇمات زىيارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، توپلانغان سانلىق مەلۇمات مىقدارى 10 تىرىليونغا يېتىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شەن جۇڭدې مۇنداق دېدى: 1-پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەر ئىجابىي ئۈنۈم بەرمەكتە. شەن جۇڭدې مۇنداق دېدى: بىرىنچى پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، بۇلتۇر تۆتىنچى پەسىلدىكىدىن 2.6 پوئېنت تېز بولدى. گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تىپىك مەھسۇلاتلىرىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى ساقلاندى. قۇياش ئېنىرگىيىلىك باتارېيە %20.1 ئاشتى. 1-پەسىلدە يېڭى ئېنىرگىيىلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.2 ۋە %31.8 ئاشتى.

ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئالدىنقى قاتاردىكى گۈللەنمە كەسىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىندى. «ئۈچ مىنۇت ھىدروگېن قاچىلاپ، 600 كىلومېتىر يول يۈرۈش» ئەۋزەللىكىگە ئىگە ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلمۇ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە ئايلاندى.

جىنەن شەھىرىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پەن-تېخنىكا كارخانىسى يېقىندا نۇرغۇن خېرىدارلارنى كۈتىۋالدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چېن يىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيە تۈركۈملەپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. چېن يىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر نۇرغۇن خېرىدارلار بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجارىگە ئېلىش ياكى سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بازار كۆلىمىنى قوشقاندا، تەننەرخ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى روشەن بولىدۇ.

شىركەتنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىدىكى ۋاڭ مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز يەنە جىنەندە تۇنجى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كاربونسىز مەھەللە قۇرۇۋاتىمىز. ھىدروگېندىن توك تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن سۇ ھاسىل بولىدۇ، بۇ سۇ 70، 80 گىرادۇسلۇق ئىسسىق سۇ، ئۇنىڭ يەنە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بار، بىز توك ۋە بۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى مەھەللىمىزگە يەتكۈزۈپ، كاربونسىز مەھەللە بەرپا قىلىمىز.

بۇ شىركەت تۇرۇشلۇق جىنەن كونا-يېڭى قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇش باشلىنىش رايونى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېشىل كەسىپلەرنىڭ بىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتتە باش ھالقا كەسپىدىكى ھىدروگېن قوشۇش پونكىتى قۇرۇلۇشىدىن ئوتتۇرا ھالقا كەسپىدىكى يېقىلغۇ باتارېيەسى ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئاندىن تۆۋەن ھالقا كەسپىدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. رايون باشقۇرۇش كومىتېتى كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمى سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن تاۋ مۇنداق دېدى: باشلىنىش رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى. رېن تاۋ مۇنداق دېدى: 2025-يىلىغىچە، بىز خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە تەتقىقات مەركىزىدىن ئۈچنى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانىدىن 20نى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدۇق.

سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، قانداق قىلىپ ئۇنى ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇش يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. باسما تاختا بىرىكمە دېتالىC919 بەلگىلىك ئايروپىلان قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئايروپىلانلاردىكى مۇھىم ئۈسكۈنە، يېقىندا، ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىئەن ئاۋىياتسىيە ھېسابلاش تېخنىكىسى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باسما تاختا بىرىكمە دېتالى ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش سېخىدا، پەن-تەتقىقات خادىملىرى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ھۈنەر ـ سەنئەت تەجرىبىلىرىنى سانلىق مەلۇمات مۈلكىگە ئايلاندۇرماقتا. تەتقىقاتخانىنىڭ دەلىللەش تېخنىكىسى تەتقىقات ئىشخانىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ تۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىزنىڭ 20  نەچچە مىڭ پىنلىق بىر مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈشىمىزگە ئۈچ سائەت كېتەتتى، يېقىندا بىز ھېسابلاش ئورنىمىزغا تېخنىكا كىرگۈزدۇق، ھازىر بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشىمىزگە ئۈچ مىنۇتلا كېتىدۇ، توغرىلىق دەرىجىسى %30 ئاشتى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاۋ جىگو مۇنداق دېدى: ئەمدى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زورايتىشىنى داۋاملىق قوللايمىز. جاۋ جىگو مۇنداق دېدى: يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئەقلىي تورلاشقان ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى، بىيو ياسىمىچىلىق قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەتىكەن كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشىنى تېزلىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىمىز.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشقا كۈچ قوشۇلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز شەرت.