ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گابوننىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو-گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 09:31

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل گابوننىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى ئىنگۇما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گابون ئەنئەنىۋى دوستلار، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ھەم مۇستەھكەم. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن گابون باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو-گابون مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئىنگۇما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلانما قىلىپ، جۇڭگو بىلەن گابوننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گابون ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

ئىنگۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، گابون بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت مۇقىم راۋاجلاندى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. گابون بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى دەپ قارايدۇ. گابون جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە گابون-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گابوننىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو-گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

شى جىنپىڭ گابوننىڭ ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو-گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى