ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-23 10:31

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يەر شارى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدە تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئالتە پەسىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، پۈتۈن يىللىق «سۈپىتى ئۆسۈش، مىقدارى مۇقىم بولۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. ئەمدى «ھاياتىي كۈچى جانلىق، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور بولدى، جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك، ئەھۋالى ياخشى بولدى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل، پاراخوت قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، پاراخوت ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %113.1 ئاشتى. نۆۋەتتە، ھەر قايسى پىرىستانلاردا، پاراخوتلار ئارقا-ئارقىدىن ئېكسپورتقا تاپشۇرۇلدى. جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى گۇاڭجۇ كېمىسازلىق شىركىتى خەلقئارا تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى خاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كېمىسازلىق زاۋۇتلىرى كۈندىن-كۈنگە يەر شارىدىكى پاراخوت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىق ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ھازىر پۈتكۈل پاراخوت بازىرىنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ياخشى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، چوڭ كىرانلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز يۈرۈشۈۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بەزى زاكازلار ھەتتا توختامدىكى تاپشۇرۇش ۋاقتىدىنمۇ بالدۇر بولۇۋاتىدۇ. پاراخوت ئىگىلىرى پاراخوتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىۋاسىتە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشنى تېخىمۇ خالايدۇ.

يەر شارى بويىچە كېمىسازلىق كەسپىدىكى «ئۈچ مەرۋايىت»نى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىردىنبىر شەھەر شاڭخەيدە، پاراخوت ئېكسپورتى تاشقى سودىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. نۇرغۇن باشلامچى كارخانىلار يېڭى زاكازغا ئېرىشىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شاڭخەي ۋەيگاۋچياۋ كېمىسازلىق بازىرى تىجارەت بۆلۈمى يۈك پاراخوتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋېي يەن ھازىر شىركىتىمىزنىڭ پاراخوت ئورنى 2028-يىلى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ۋاقىتقىچە تىزىلغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىر قەدەر يېتەرلىك دېدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز تاشقى سودىسىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك، ئەھۋالى ياخشى بولدى. تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 1-پەسىلدە مال سودىسى كۆلىمى 10 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يەككە پەسىلدە تۇنجى قېتىم 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان؛ ئېشىش سۈرئىتى %5 بولۇپ، 6 پەسىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ساپ ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %14.5 كە يەتكەن. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى شىڭچيەن مۇنداق دېدى: 1-پەسىلدىكى ئېكسپورت ئىپادىسىگە بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ئۈچ ساھەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، سىجىل ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى ساقلانغان. بىرىنچى، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئاساسى پۇختا، جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلىرىگە ئۇزۇن كەسىپ زەنجىرى، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن؛ ئىككىنچى، ئەقلىي مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ئېھتىياجى ئاشتى، جۇڭگونىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى «كەسىپلىشىش، تۈجۈپىلىشىش، ئۆزگىچە، يېڭىچە» بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ساھەلىرى ئىنچىكە ئايرىلىۋاتىدۇ؛ تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش مەھسۇلاتلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرى چەتئەل ئىستېمالچىلىرىنىڭ قىيىن نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشنى نىشانلاپ، يېڭىلىق يارىتىشچان تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان تازىلاش، دېرىزە سۈرتۈش، تاماق يەتكۈزۈش، ئوت-چۆپ ئورۇش قاتارلىق ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن زاكاز قولغا كەلتۈرۈلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر تاشقى سودا كارخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۇ شياۋدۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلانغان گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 2-قارارلىق مەزگىلىدە، كارخانىمىز پارچىلىنىدىغان ماتېرىياللاردىن ياسالغان تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مول ئاشخانا سايمانلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى شۇنداقلا يەنە چەتئەللىك خېرىدارلارنىڭ فتورسىزلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى چەتئەللەرگە سېتىلىدۇ. چەتئەللىك خېرىدارلارنىڭ ھازىر فتورسىزلاشتۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، فىتور قوشۇلمىغان ئەھۋالدا، سۇ ۋە مايدىن ساقلىنىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا چەتئەللىكلەر بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدۇ.

گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقان 20 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنى سوئال قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئىلىكىدىكى زاكاز مىقدارى ئاشقان ياكى تەڭلەشكەن كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %81.5 كە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %16.8 ئاشقان. يېڭىلا ئاياغلاشقان گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارلىق مەزگىلىدە، نەق مەيداندىكى ئادەم سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، چېگرا سىرتىدىكى مال سېتىۋالغۇچىلاردىن تور سىرتىدا يەرمەنكىگە قاتناشقانلار 120 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %23.2 كۆپىيىپ، يەر شارىدىكى 212 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى. كېنىيەلىك مال سېتىۋالغۇچى دومىنىك جۇڭگونىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

دومىنىك مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە، جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلار سۈپىتىنىڭ يەنە ئۆسكەنلىكىنى بايقايمەن. جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيلىققا باي ياخشى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گو تىڭتىڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، سودا مىنىستىرلىقى بىر يۈرۈش قاراتمىلىققا ئىگە، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ يىل تاشقى سودىنىڭ «سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت نىشانىنى ئورۇنلاش ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو تاشقى سودىسىنىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك بولدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يەر شارى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن