ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-24 10:08

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: غەربىي رايون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، رايون ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۈي ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يازما سۆز تاپشۇردى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرما چىقارغان بەش يىلدىن بۇيان، غەربىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئوڭشاشتا زور ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئوچۇق ئىقتىساد ئەندىزىسى تېزدىن بەرپا قىلىندى، ئۇل ئەسلىھە شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ھالقىلىق، يادرولۇق بىر تۈركۈم تېخنىكىلاردا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش؛ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئۆزلەشتۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش؛ مەركەز كارخانىلىرى بىلەن غەربىي رايوننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى رايون تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش؛ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى ياسىمىچىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى رايونلار بويىچە باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئوڭشاشتىكى چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈچ چوڭ بەلگىلىك جەڭنى ياخشى قىلىش؛ ئېكولوگىيەلىك بايلىقنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئورمان، يايلاقلارنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەردە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون ئازايتىش بويىچە ئۆزگەرتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ۋە توغرا يۆنىلىشلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش؛ چېگرا بويى رايونلىرىدىكى تۈرلۈك كەسىپ باغچىلىرى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش؛ رايون زور ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشقا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال يۇغۇرۇلۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايون، شەرقىي شىمال رايونى بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم ئېنېرگىيە بازىلىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش؛ تۇرۇبا تورىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ قېزىلما بايلىقنى پىلانلاش، تىزگىنلەش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، قېزىلما بايلىقنى قېزىش ۋە پىششىقلاشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم بازىلارنى تېز شەكىللەندۈرۈش؛ سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ رايون ھالقىغان كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىش كېرەك. چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەر توپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئۆلكە دائىرىسىدىكى بىر تۈركۈم قوشۇمچە مەركىزىي شەھەرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىدىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاشنى زورايتىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالە ۋە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا دائىملىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ناھىيە-رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك ناھىيە، سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيە، ساياھەتتە داڭلىق ناھىيەلەرنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ياخشى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەۋر يېڭى ئىستىلى، يېڭى قىياپىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى«فېڭچياۋ تەجرىبىسى» دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقى، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئامما ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گىرەلەشمە ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى سىجىل تۈزەش كېرەك. يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا رايون خەلقىنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى گۈزەللەشتۈرۈش، چېگرانى مۇقىم قىلىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىر تۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار قاراتمىلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. غەربىي رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش، نۇقتا قىلىنغان ئورۇنلارغا ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور سىياسەتلەر، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن تولۇق دەلىللەش ۋە خەۋپ-خەتەرنى باھالاش، يولغا قويۇش داۋامىدا مەسىلە كۆرۈلسە ۋاقتىدا تەكشۈرۈش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، بولۇپمۇ شارائىتى جاپالىق رايونلاردىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، كادىرلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، دادىل يول ئېچىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم چوڭ تەرەپنى نەزەردە تۇتۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەم ئىنچىكە ئىشلاردىن قول سېلىپ، جايلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىق پەرقلەرگە ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك. مەۋقەنى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە قارىتىپ، رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېشىش قۇتۇپى، ئېشىش بەلبېغىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئالاھىدە تىپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىش ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئىچكى تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا رايون ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا پائال يۇغۇرۇلۇپ، غەربىي رايون تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش زور بۇرچىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا، ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭدا يېڭى دەۋردە