ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، سەي چى خىزمەت تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-25 10:37

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چۇڭچىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان بۇرچقا توغرىلىنىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى، كېيىنكى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە يۇغۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسى، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈگۈنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، «ئۈچ رول»نى جارى قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ 22-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن ۋە شەھەر باشلىقى خۇ خېڭخۇانىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەشيا ئوبوروت باغچە رايونى، شەھەر مەھەللىسى، رەقەملەشتۈرۈش شەھەر ھەرىكىتى ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شى جىنپىڭ 22-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئالدى بىلەن چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونىدا خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى چۇڭچىڭ سۇسىز پورت تىجارىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ، يېڭى يول قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەشيا ئوبوروتى-ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ «تومۇرى». غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى بەرپا قىلىش-«قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايون قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان» سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالاقىدار تەرەپلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، غەربىي رايون ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ تۆمۈريول يۈك ساندۇقى مەركىزىي پونكىتىغا بېرىپ، يۈك يىغىش-تارقىتىش، توشۇش يولى، يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى ۋە ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەشيا ئوبوروت باغچە رايونى ئىلغار تېخنىكىدىن پائال پايدىلىنىپ، بىرلەشمە توشۇش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. شى جىنپىڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى، پويىز شوپۇرلىرى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ئىشچىلىرى، مەيدان-ۋوگزال باشقۇرغۇچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىلەر ئەشيا ئوبوروتىنىڭ 1-سېپىدە شۇنداقلا سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ 1-سېپىدە ئىشلەۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق، نۇرغۇن تاۋارلار تاغ-دېڭىزلاردىن ھالقىپ، دۇنياغا يۈزلەندى، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەشيا ئوبوروتى ئىنتايىن مۇھىم، كۆپچىلىك داۋاملىق تىرىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك. ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ يەنە ئۇلارنىڭ خىزمەت سىجىللىقى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، بايرام كۈنلىرىدىكى ئارام ئېلىش ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى.

شى جىنپىڭ يەنە چۇڭچىڭنىڭ چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، چۇڭچىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. چۇڭچىڭ بىلەن سىچۈەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننىڭ «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى بىرلىكتە ياخشى يېزىشى كېرەك. تۈۋرۈك كەسىپلەر-يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي بازا. چۇڭچىڭنىڭ ياسىمىچىلىقتا ئۆزىگە خاس قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى، مۇناسىپ ئەۋزەللىكى بار، مەن چۇڭچىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ھازىرغا ئەھمىيەت بېرىپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جيۇلۇڭپو رايونى شيېجياۋەن كوچىسى مىنجۇ كەنتى مەھەللىسى-كونا ئولتۇراق رايون بولۇپ، 2022-يىلىنىڭ بېشىدا يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش تۈرى باشلانغان ھەم مەملىكەت بويىچە ئالاقىدار سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەن. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش-شەھەرنى يېڭىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇنداقلا بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ھەم تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە ئۆزگىچە قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەم ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش لازىم. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەرنى ئىدارە قىلىشتىكى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ جەڭگىۋار قورغان ۋە مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىغا تايىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئىش تۈرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئىدارە قىلىش، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۇ يەنە مەھەللە ئاشخانىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە غىزالىنىۋاتقان ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەھەللە ئاشخانىسىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئايرىلىدىغان چاغدا، مەھەللە ئاھالىلىرى بەس-بەستە كېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلق تۇرمۇشى ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى پۇقرالارنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.

شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ ئاجرىتىپ، ھەر يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر قىسىم ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن چۇڭچىڭ شەھەرلىك رەقەملەشتۈرۈش شەھەر ھەرىكىتى ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزىدە خىزمەت تەكشۈرۈپ، شۇ جاينىڭ شەھەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە سىستېمىنى قوللىنىش مەشىقىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. رەقەملىك ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۈيۈك مەلۇمات سۇپىسى ۋە تور سىستېمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇپ، بىرلىشىپ قوماندانلىق قىلىش ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەرنى ئىدارە قىلىش ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى «ھەر ۋاقىت غېمىنى يەيدىغان» مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، دەل جايىدا تىزگىنلەپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىلەرنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، چۇڭچىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چۇڭچىڭنىڭ ياسىمىچىلىق ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، پەن-مائارىپ ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول، ئىلغار ياسىمىچىلىق تايانچ قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. ياسىمىچىلىق مۇھىم تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيە ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈش؛ زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى پائال يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېشىش قۇتۇبى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ يېشىل تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل چۇڭچىڭ قۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چۇڭچىڭ باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش جاسارىتى بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك. «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يادرولۇق رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى، يەنە بىر قولدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى تۇتۇشى كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال يۇغۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلىشىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چۇڭچىڭ دۆلىتىمىزدىكى قاراشلىق يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر، خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشى كېرەك. ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر ھەرىكىتى ۋە ئىدارە قىلىش ئەقلىي مەركىزى بەرپا قىلىپ، «ھەر تەرەپلىمە بىر گەۋدىلەشكەن» شەھەر ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ئەقلىي، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ دەل جايىدا قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەۋرىشىم شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چۇڭچىڭ چوڭ شەھەر، چوڭ يېزا، چوڭ تاغلىق رايون، چوڭ ئامبار رايونىنى بىر گەۋدە قىلىپ، شەھەر يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ناھىيە (رايون) شەھەر مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر سودا-سانائەت كاپىتالى ۋە پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە تەرتىپلىك يېتەكلەپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ، پۇختا تۇتۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى ھازىرقى باسقۇچتىكى دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك، چىڭ تۇتقىلى بولىدىغان، نەچچە يىل چىڭ تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان نۇقتىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر-بىرلەپ چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنى ھېس قىلالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىلچە بوشاشماي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنى ئىنتىزام، قائىدىنى ھەقىقىي تۈردە سىياسىي ئاڭلىقلىققا، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىغا، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. چىرىكلىككە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى جازالاپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ۋە مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا، ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چۇڭچىڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى، سەي چى خىزمەت تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چۇڭچىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان بۇرچقا توغرىلىنىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى،