ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-27 10:52

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. 45 يىللىق جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىزگە نۇرغۇن مۇھىم ئىلھام ئاتا قىلدى: ئىككى دۆلەت رەقىب بولماي، ھەمراھلاردىن بولۇشى؛ بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزمەي، بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىشى؛ يامان سۈپەتلىك رىقابەتلەشمەي، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشى؛ گېپى-گەپ، ئىشى نەتىجىلىك بولۇشى، دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولماسلىقى كېرەك. مەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ ھەم ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى، ھەم كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن كۆرسەتمە.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى، مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، بۇ يىل جۇڭگو -ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش، مۇقىملىقنى مۇھىم بىلىش، ئىشەنچنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. مەن يەنە: يۈكسەك ئىرادە بولغاندىلا، نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشكە قانداق تاقابىل تۇرۇش دەۋرنىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى. مېنىڭ بەرگەن جاۋابىم: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، بۇ جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ بايرىقىغا ئايلاندى، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يەر شارىنىڭ چوڭلۇقى شۇنچىلىكلا، ئىنسانلار شۇنچە كۆپ ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگودا قەدىمكىلەر «جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش» دېگەن، مېنىڭچە ھازىر «دۇنياۋى ھەمدەم بولۇش»قا توغرا كېلىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بەخت-سائادىتى، خەۋپ-خەتىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، كۆپچىلىك ئورتاق پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ زور ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك. بۇ جۇڭگونىڭ دۇنيا ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى. مەن باشتىن-ئاخىر چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس  سالاپىتى بولۇشى، چوڭ دۆلەتكە خاس كەڭ قورساقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ كەلدىم. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ، دۇنيانى ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىقىدا ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن سان فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندا، توغرا تونۇشنى بىرلىكتە تۇرغۇزۇش، ئىختىلاپلارنى بىرلىكتە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىش، چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى بەش تۈۋرۈكنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ بىنادا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي رامكا. چوڭ پىرىنسىپ بېكىتىلسە، باشقا مەسىلىلەرنى ھەل قىلماق ئاسان بولىدۇ. جۇڭگو ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن ھەمكارلىق قوش يۆنىلىشلىك بولۇشى كېرەك. بىز رىقابەتتىن قورقمايمىز، لېكىن رىقابەت نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئىلگىرىلەش بولۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، ئامېرىكىمۇ «كىچىك چەمبىرەك» پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دوستى ۋە ھەمراھى بولسا بولىدۇ، قارشى تەرەپكە قاراتماسلىقى، قارشى تەرەپكە قارشى تۇرماسلىقى، قارشى تەرەپكە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. جۇڭگو ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ئامېرىكىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، ئامېرىكىنىڭمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگودا «كۈنسېرى ئىلگىرىلىمىسەڭ، چېكىنىسەن» دەيدىغان گەپ بار. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن. ئىككى تەرەپ كوللېكتىپلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، مەن زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ھاسىل قىلغان «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇشىنى، ياخشىلىشىنى، ئالغا ئىلگىرىلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بلىنكېن ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ سان فىرانسىسكودا ئۇچراشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى، زەھەر چەكلەش، سۈنئىي ئەقىل، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە مەن ئۇچراشقان ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىمۇ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئويى يوق. ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان سان فىرانسىسكو ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خاتا چۈشەنچە ۋە خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تىزگىنلەپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ بلىنكېندىن زۇڭتۇڭ بايدېنغا سالام يوللىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.